- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
شىنجاڭ ئەتراپىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك
2017.04.27 14:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئاپرىل چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا «شىنجاڭ ئەتراپىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش»نى چۆرىدىگەن ئاساستا كېڭىشىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىردەك مۇنداق قاراشتى: يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئەتراپىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، خىزمەت سالمىقى روشەن ئېشىپ، ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، لېكىن يەنە بەزى قىيىنچىلىقلار، يېتەرسىزلىكلەر ۋە ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت. كۆپچىلىك بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاراتمىلىققا ئىگە تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر