باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.04.27 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ۋە سودا-سانائەتنى تىزىملاشتىن بۇرۇنقى تەستىق ئىشلىرىنى قىسقارتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنى تۈزەشكە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ئارقىلىق خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بېكىتىلدى؛ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدىغان ئۆلكىلەردە يېزا ئىگىلىك زور ئاپىتى سۇغۇرتا كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش قارار قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 26-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ۋە سودا-سانائەتنى تىزىملاشتىن بۇرۇنقى تەستىق ئىشلىرىنى قىسقارتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنى تۈزەشكە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ئارقىلىق خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بېكىتىلدى؛ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدىغان ئۆلكىلەردە يېزا ئىگىلىك زور ئاپىتى سۇغۇرتا كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ۋە سودا-سانائەتنى تىزىملاشتىن بۇرۇنقى تەستىق ئىشلىرىنى قىسقارتىش تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، تىجارەت مۇھىتىنى ياخشىلاش، كارخانىلار ۋە ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق ۋە ئازادە كەيپىيات يارىتىش، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچىدىن، بۇلتۇردىن بۇيان، سودا-سانائەت تىجارەت كىنىشكىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، تەشكىلىي ئاپپاراتلارنىڭ كود گۇۋاھنامىسى ۋە باج، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىستاتىستىكىلاپ تىزىملاش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق «بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتى ئاساسىدا، «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاش، ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلار ۋە تۈرلۈك گۇۋاھنامىلەرنى تىجارەت گۇۋاھنامىسىگە يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، «بىر كىنىشكا، بىر كود» تىجارەت كىنىسكىسىنىڭ ھەرقايسى رايون ۋە كەسىپلەردە ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، كارخانىلارغا چېتىشلىق كىنىشكا ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. قانۇن-نىزام ئاساسى يوق، قانۇنىي تەرتىپ بويىچە تەسىس قىلىنغانلىرىنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ جامائەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئىزچىل ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تىزىملىك ئىجازىتى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ھەم ئىش جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تارماقلار ئارا ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرلىنىش ۋە كەسىپتە ماسلىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوخشاش ئۇچۇرلارنى «بىر قېتىم يىغىش، بىر ئارخىپ باشقۇرۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى قايتا-قايتا تىزىملاش، قايتا-قايتا ماتېرىيال يوللاشتىن ساقلىنىش كېرەك. «بىر كىنىشكا، بىر كود» تىجارەت كىنىشكىسىنى كارخانىلارنىڭ جاھان كېزىشىدىكى بىردىنبىر «كىملىكى» گە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، چەت ئەل سودىگەرلىرى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالغان ئوراش-بېزەش مەتبەئە كارخانىلىرى قاتارلىق بەش تۈرنىڭ ئالدىنقى تەستىقلاش ئىشلىرىنى كېيىنكى تەستىقلاش ئىشلىرىغا ئۆزگەرتىش كېرەك. ئەمدى بۇ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 226 تۈرلۈك سودا-سانائەتنى تىزىملاشتىن بۇرۇنقى تەستىق ئىشلىرىنىڭ %87 ىنى تىزىملاشتىن كېيىنكى تەستىق ئىشلىرىغا ئۆزگەرتتى ياكى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر