باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

2017.04.27 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ـــ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دورا ھەمتۈرتكىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك، قولاي داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، داۋالاش بايلىقىنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، داۋالاش سەھىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە يۆتكەپ، بايلىقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە؛ داۋالاش بايلىقىنى يۇقىرى-تۆۋەنگە يەتكۈزۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجە بويىچە داۋالاشنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر