باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چې جۈن جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى

2017.04.27 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يولداش چې جۈننى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى، يولداش شيا باۋلوڭ ئەمدى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسىلىقى، پارتكومنىڭ ئەزاسىلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ.

  چې جۈن، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىل 7- ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي چاۋخۇدىن، 1973- يىلى 12-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، 1973-يىلى 2- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  2008-يىلى 5-ئايدىن 2008-يىلى 9- ئايغىچە، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2008-يىلى 9-ئايدىن 2010-يىلى 5- ئايغىچە، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىجياجۇاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2010-يىلى 5-ئايدىن 2010-يىلى 8- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان.

  2010-يىلى 8-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان (2010- يىلى 9-ئايدا، مىنىستىر دەرىجىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان).

  2016-يىلى 6-ئايدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2016 ـ يىلى 7-ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، مۇۋەققەت باشلىقى بولغان.

  2016-يىلى 6-ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغان، 2017-يىلى 4- ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر