باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى بۇ يىل خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويىدۇ

2017.04.26 15:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسىپورت نازارىتى يېقىندا 2017 - يىلى يولغا قويىدىغان، يېزا تاشيولىنى داۋاملىق ياساش ۋە ئۆزگەرتىپ ياساش، ETC تۈر قۇرۇلۇشى، دۆلەتنىڭ ھەقسىز يول يۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يولۇچى تىرانسپورتىدا تورلاشتۇرۇپ بېلەت سېتىش، ئۆلكە ھالقىغان ئېغىر يۈك تىرانسپورتى، شوپۇر تەربىيەلەش مۇلازىمىتى، تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىگە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىشكە دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى ئېلان قىلدى.

  بۇ ئون ئەمەلىي ئىش تۆۋەندىكىچە:

  1. 15 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياساش ۋە داۋاملىق ياساش؛ قېپقالغان بەش يېزا - بازار يولىنى ئاسفالتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى (يىل ئاخىرىغىچە تۈر ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ %60ىنى تىرىشىپ تاماملاش) ئاشۇرۇش؛ 271 كەنتنىڭ يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش؛ ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىدە كەنت دەرىجىلىك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش يول قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇش؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 - يىللىق نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان ناھىيە (شەھەر)لىرىدە يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇش؛ ئاھالىسى بىر قەدەر كۆپ كەنتلەرنىڭ يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇش؛ ناھىيە، يېزا يولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش؛ تەخمىنەن 200 يېزا - بازار، 1900 كەنتنىڭ يول يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاپ، تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ كىشىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق يېزا تاشيول تورىنىڭ دەرىجىسىنى تەرتىپلىك ئۆستۈرۈش.

  2.دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيولى ۋە يېزا تاشيولىدا 4100 كىلومېتىرلىق بىخەتەرلىك قوغدىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش؛ 70 خەتەرلىك كۆۋرۈكنى ئۆزگەرتىش؛ دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيولىدىكى 77 كىلومېتىر دائىرىدە گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش؛ دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيولى، يېزا تاشيولىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇل ئەسلىھەسى ۋە بىخەتەرلىك، قوغدىنىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ھەم ئۆستۈرۈش.

  3. دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «يېشىل يولى» ۋە مۇھىم ھېيت - بايراملاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەقسىز يول يۈرۈشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى سىياسەتلىرىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقلىق تاشيولنىڭ يول يۈرۈش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ تېز يول يۈرۈشىنى قولايلاشتۇرۇش.

  4.ETC (يەنى «ئاپتوموبىلنى توختاتماي ھەق ئېلىش سىستېمىسى») تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ETC ئاپتوموبىل يولىنى 130غا، ئۇنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى قاپلاش نىسبىتىنى %46.3كە يەتكۈزۈش؛ ETCنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 3 - قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ETC ئاپتوموبىل يولىدىن 110نى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش.

  5.يەنە 100 كەنتتە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى قاتنىشىنى يولغا قويۇش. شارائىتى ھازىرلانغان كەنتلەردە ئاپتوموبىل قاتناش نىسبىتىنى %97.5كە يەتكۈزۈپ، چەت يېزا - قىشلاقلاردىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش.

  6. 21 يولۇچى بېكىتىدە تورلاشتۇرۇپ بېلەت سېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، 2 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يولۇچى بېكەتلىرىدە تورلاشتۇرۇپ بېلەت سېتىش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىنى ئۈزلۈكسىز قولايلاشتۇرۇش.

  7.ئۆلكە ھالقىغان ئېغىر يۈك تىرانسپورتىغا توردا ئىجازەت بېرىشنى يولغا قويۇش. ئېغىر يۈك تىرانسپورتىغا توردا ئىجازەت بېرىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ ئۆلكە ھالقىغان ئېغىر يۈك تىرانسپورتىنى يولغا چىققان جايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، لىنىيە بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر تورلاشتۇرۇپ ئىجازەت بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

  8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەربىيەلەش مۇلازىمىتى ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى %80تىن ئاشۇرۇپ، «ۋاقىت ھېسابلاپ تەربىيەلەش، ئاۋۋال تەربىيەلەپ، ئاندىن ھەق ئېلىش»نى داۋاملىق يولغا قويۇش؛ %80 تىن ئارتۇق شوپۇر تەربىيەلەش ئاپپاراتىدا مەزكۇر تۈر بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش نىشانىنى يىل ئاخىرىغىچە ئىشقا ئاشۇرۇش.

  9.تاشيول ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلىك دېھقان ئىشلەمچىلەر(ئادەتتىكى ئىشچىلار)نى %80تىن ئاشۇرۇپ ھەم توختامغا كىرگۈزۈپ، لىنىيە بويىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش.

  10.يېزا يولۇچى تىرانسپورتى، ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر