باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاندا ئاپتوبۇس مىنانىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ 10 كىشى قازا قىلدى

2017.04.26 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى گۇرۇم قەبىلىلەر رايونىدا 25-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئاپتوبۇس مىنانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلدى، 8 كىشى يارىلاندى.

  پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: پارتلاش پاكىستاننىڭ ئافغانىستانغا يېقىن بولغان غەربىي شىمالىدىكى گۇرۇم قەبىلە رايونىدا يۇز بەرگەن بولۇپ، بىر كىچىك ئاپتوبۇس يول بويىچە كۆمۈپ قويۇلغان تانكىغا قارشى مىناغا دەسسەپ پارتلاش يۇز بېرىپ ئاز دېگەندە ئالتە بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 كىشى قازا قىلغان. يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىلىپ قۇتۇلدۇرۇلغان، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسمى ۋەقە يۇز بەرگەن جايغا يېقىن بولغان رايونلارنى كونترول قىلغان ھەمدە تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان. نۆۋەتتە بىرەر تەشكىلات بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر