خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاراگۋاينىڭ چېگرا رايونىدىكى شەرق شەھىرىدە بىر قېتىملىق بۇلاڭچىلىق دېلوسى يۈز بەردى، بىرازىلىيەدىكى قارا گۇرۇھ دەپ گۇمان قىلىنغان، ئاز دېگەندە 50 نەپەر قوراللىق بىر توشۇش شىركىتىنىڭ ئالتۇن ئامبىرىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە شەھەر رايونىدا ئوت قويۇپ، ساقچى ئىدارىسىغا يالغان ھۇجۇم قىلىپ، بىر ساقچىنىڭ قازا قىلىشىنى، ئۈچ پۇقرانىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
پاراگۋاي ۋە بىرازىلىيە ساقچى تەرەپ بىرلىكتە قوغلاپ تۇتۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈچ گۇمانلىق بۇلاڭچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى