باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى مۇلاھىزىسى» نىڭ ۋېنگرىيە يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلدى

2017.04.26 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى مۇلاھىزىسى» نىڭ ۋېنگرىيە يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى شۇ جاي ۋاقتى 24-ئاپرېل بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ ۋە ۋېنگرىيە پارلامېنتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى مارىيە تېروۋى بىرلىكتە كىتابىنىڭ تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

  ليۇ چىباۋ تەبرىك سۆزىدە پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، دۇنيانى ئىدارە قىلىش نوقتىسىدىن «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى مۇلاھىزە»ناملىق كىتابىنىڭ مول مەزمۇنىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ھازىرقى دۆلەت ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ئالاقىدار بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋر شارائىتىدا، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ-چوڭ نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى. «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى مۇلاھىزىسى» ناملىق كىتابى، بۇ بىر قاتار يېڭى قاراش،يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى. بۇ كىتابنىڭ ۋېنگرىيە يېزىقى نۇسخسىنىڭ نەشر قىلىنىشى ۋېنگرىيە خەلقنىڭ جۇڭگونى كۆزىتىشى ۋە چۈشىنىشى ئۈچۈن يېڭى كۆزنەك ئېچىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات يولى، ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى كۈچەيتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر