باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نوپۇسنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسىگە تەرەققىيات قارىشى بىلەن قاراش كېرەك

جۇڭگو نوپۇسىنىڭ يېڭى پايدىسى شەكىللەنمەكتە

2017.04.27 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزىلەر ئېلىمىزنىڭ نوپۇس پايدىسى يوقىماقتا دېيىشتى. نوقۇل ئەمگەك يېشىدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى شۇنداقلا نوپۇسنىڭ بېقىش نىسبىتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەردىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس پايدىسى ھەقىقەتەن ئازلىماقتا. لېكىن تەرەققىيات قارىشى بىلەن قارايدىغان بولساق ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ يېڭى پايدىسى شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

  ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە، نوپۇس پايدىسى بىر دۆلەتتىكى ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، نوپۇسنىڭ بېقىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاندا، ئامانەت پۇل نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، نوپۇس پايدىسى دائىم ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس سانى بىلەن نوپۇسنىڭ بېقىش نىسبىتىدىن ئىبارەت ئىككى كۆرسەتكۈچ بىلەن ئۆلچىنىدۇ. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى ئېلىمىزدە 15 ياشتىن يۇقىرى 65 ياشتىن تۆۋەن(65 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئەمگەك يېشىدىكىلەر 1 مىليارد 4 مىليون 690 مىڭغا يېتىپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 11 مىليون 30 مىڭ كىشى ئازلاپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %73.4نى ئىگىلىگەن؛ 2015-يىلى، ئېلىمىزدىكى ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىلەر داۋاملىق ئازلاپ 1 مىليارد 3 مىليون 610 مىڭغا چۈشۈپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1 مىليون 800 مىڭ كىشى ئازلىغان، ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %73كە چۈشكەن. ئېلىمىزنىڭ نوپۇس بېقىش نىسبىتى 2011-يىلىدىن باشلاپ تەدرىجىي ئۆرلىگەن، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى نوپۇس پايدىسىنىڭ ئازىيىشى بىلەن تېز قېرىلىشىشتەك قوش بېسىمگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن نوپۇس پايدىسىنىڭ يوقىلىشى كەلگۈسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى زور دەرىجىدە كېمەيتىدۇ دەپ قارىدى. لېكىن نوپۇس پايدىسىنى نوقۇل نوپۇس سانى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە، «نوپۇسنىڭ يېڭى پايدىسى» كۆز قارىشى بىلەن نوپۇسنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسىگە قارىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر