باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانى باشلاندى

2017.04.27 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بۈگۈن بېيجىڭدا يىغىن ئېچىپ، 2017 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلان خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى.

  غەربىي قىسىم پىلانى ھازىرغىچە داۋاملىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، دۆلەت ئەڭ زور دەرىجىدە قوللايدىغان، ئىجتىمائىي تەسىرى ئەڭ كەڭ بولغان پىدائىيلار مۇلازىمەت تۈرى ھېسابلىنىدۇ. 2017- يىللىق غەربىي رايون پىلانى 4- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياكى ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى قوبۇل قىلىپ، ئاساسىي مائارىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى، داۋالاش-سەھىيە، ئاساسىي قاتلام ياشلار خىزمىتى، ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي باشقۇرۇش، شىزاڭغا ۋە شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق يەتتە مۇلازىمەت مەخسۇس تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ۋە شىزاڭغا مۇلازىمەت قىلىش مەخسۇس تۈرىنىڭ نەتىجىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، مىللىي رايونلارنىڭ مىڭ كىشى ئەتراپىدىكى يولغا قويۇش كۆلىمىنى ساقلاپ قالىدىكەن. تۈر يولغا قويۇلغان 14 يىلدىن بۇيان، 240مىڭ ئادەم تاللىنىپ، ئوتتۇرا غەربىي رايوندىكى 22 ئۆلكە، رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 2100دىن كۆپرەك ناھىيە، شەھەر ۋە رايونلىرىدىكى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتىلگەن، ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 20 مىڭ ئادەمنىڭ مۇلازىمەت ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، غەربىي قىسىمدىكى ئاساسىي قاتلامدا داۋاملىق ئىشلەشنى تاللىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر