باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇ خەيلۈن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئاممىغا تايىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك

2017.04.27 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-ئاپرىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىدە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزگەرتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، ئاممىغا زىچ تايىنىپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشقا ئائىت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. گۇمانىي نۇقتا قايمۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى كۆپ ئىشلەپ، ئىدىيە جەھەتتە يېتەكلەش، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرنى، ئەل رايىنى مايىل قىلىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەريانىنى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش؛ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداشقا، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئاڭلىق ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى ھەقىقىي پۇختىلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر