4- ئاينىڭ 25- كۈنى، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەر يالىنىپ مېڭىپ گۇاڭجۇ بەييۈن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ كېلىنمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26 - ئاپرېل ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو-فىلىپپىن ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا ماس قەدەملىك تورغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتى ئويۇشتۇرۇلۇپ، دۆلەت ھالقىغان تور قىمارۋازلىق جىنايىتىدىكى بىر پەۋقۇلئاددە زور دېلونى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ فىلىپپىندە قۇرغان «KONE كۆڭۈل ئېچىش» ئورنى قاتارلىق تۆت قىمار تور بېكىتىنى پىچىت قىلغان. چېگرا ئىچى-سىرتىدا دېلوغا چېتىشلىق 99 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان، 1100 پارچە ئىسچوت توڭلىتىلغان، تەكشۈرۈلۈپ توڭلىتىلغان مەبلەغ 70 مىليون يۈەندىن ئاشقان. 4- ئاينىڭ 25- كۈنى كېچە، فىلىپپىندە قولغا چۈشكەن مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق 55 جىنايەت گۇماندارىمۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىندى. بۇ دېلو، دۆلىتىمىزدە چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش قىلمىشىنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنى تۈزەشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا ماس قەدەملىك ھالدا ھەرىكەت قوللىنىپ تۇرۇپ تورغا چۈشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشى بىلەن بېجىرىلگەن دۆلەت ھالقىغان تور قىمارۋازلىق دېلوسىدىكى تۇنجى دېلو ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى