باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئىككىنچى ئاۋىياماتكىسى سۇغا چۈشۈرۈلدى

فەن چاڭلوڭ سۇغا چۈشۈرۈش مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2017.04.27 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ ئىككىنچى ئاۋىياماتكىسىنى سۇغا چۈشۈرۈش مۇراسىمى 26-ئاپرىل چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى شىركىتى داليەن كېمىسازلىق زاۋۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلۇڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  سائەت توققۇزدا، مۇراسىم ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. خەلقئارا ئادەت بويىچە لېنتا كېسىلگەندىن كېيىن، «بوتۇلكا تاشلاش مۇراسىمى» ئېلىپ بېرىلدى. ئارقىدىن بىر بوتۇلكا شامپاننىڭ كېمە بېشىدا چېقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى ياندىن رەڭدار لېنتا پۈركۈپ چىقىرىلىپ، ئەتراپتىكى كېمىلەر بىللە سىگنال چالدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. ئاۋىياماتكا سۆرىگۈچنىڭ تارتىشى بىلەن ئاستا سۈرۈلۈپ دوكتىن چىقىپ، پىرىستاندا توختىدى.

  ئىككىنچى ئاۋىياماتكىنى ئېلىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان، 2013–يىلى 11-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2015-يىلى 3-ئايدا دوك ئىچىدە ياساش باشلانغان. نۆۋەتتە، ئاۋىياماتكىنىڭ ئاساسىي پاراخوت گەۋدىسى تاماملاندى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئېلېكتىر كۈچى قاتارلىق ئاساسلىق سىستېما ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىپ بولۇندى. دوكتىن چىقىرىپ سۇغا چۈشۈرۈش قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدىن بىرى بولۇپ، ئىلىمىزنىڭ ئاۋىياماتكىنى مۇستەقىل لايىھەلەپ ياسىشىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدە، بۇ ئاۋىياماتكىدا پىلان بويىچە ئۈسكۈنىلەر سىستېمىلىق تەڭشىلىدۇ ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ ھەمدە پاراخوتنى توختىتىش سىنىقى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  دېڭىز ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائىتى گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرىدىن شېن جىنلوڭ، مياۋ خۇا، خۇ ۋېنمىڭ ۋە ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرى، كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر