باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 40–قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

پۇل مۇئامىلە جانلانسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملاشسا، ئىقتىساد مۇقىملىشىدۇ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك

2017.04.27 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 25-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداش تېمىسىنى چۆرىدەپ 40-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىقتىسادنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداش دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك، نېگىزلىك زور ئىش. پۇل مۇئامىلە جانلانسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە مۇقىملاشسا، ئىقتىساد مۇقىملىشىدۇ. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى تولۇق تونۇپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداشقا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى چوڭ ئىش سۈپىتىدە قاراپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەھۋال تونۇشتۇردى. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋچۈەن ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا، جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى گو شۇچىڭ بانكا سىستېمىسىدىكى خەۋپنى تۈگىتىش، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدا، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ شىيۈ كاپىتال بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپ – خەتەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېنخۇي رېگرېسسىيەلىك خەۋپ – خەتەر كاپالىتى، سۇغۇرتا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداش تۆۋەن چېكىنى ساقلاش توغرىسىدا تونۇشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلىدى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر