- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي بانكا: بىرىكمە كارتىنىڭ ماگنىت يوللۇق مۇئامىلە ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك توختىتىلىدۇ
2017.04.28 15:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بانكا كارتىسى خەۋپىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆزەك ماگنىت يوللۇق بىرىكمە كارتىنىڭ ماگنىت يوللۇق مۇئامىلە ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك توختىتىلىدىكەن ۋە ھەر قايسى سودا بانكىلىرىدىن كارتا ئالماشتۇرغاندا نومۇرىنى ئالماشتۇرماسلىق، كارتىنى دەل ۋاقتىدا تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ساقلانما ماگنىت يوللۇق كارتىلارنى پۇل مۇئامىلە IC كارتىسىغا ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىنى تىزلىتىشنى تەلەپ قىلغان. 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر قايسى سودا بانكىلىرى يېڭىدىن تارقاتقان ئاساسلىقى خەلق پۇلى راسچوت قىلىدىغان بانكا كارتىسى «جۇڭگو پۇل مۇئامىلە توپلاشتۇرۇلغان توك يولى (IC) كارتىسى قائىدىسى»گە ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە IC كارتىسى بولۇشى كېرەككەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر