باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 22 كىشىنىڭ چەت ئەلدە يوشۇرۇنغان يېرىنى مەركەزلىك ئاشكارىلىدى

2017.04.28 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسى 27-ئاپرېل «چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن قىسمەن كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىق يىپ ئۇچى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلىپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 22 كىشىنىڭ چەت ئەلدە يوشۇرۇنۇش ئېھتىماللىقى بولغان كونكرېت ئادرېسنى ئاشكارىلىدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قاتارلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتكە چېتىشلىق چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن دۆلەت خادىمىدىن 365ى، يوقاپ كەتكەن نەدىلىكى ئېنىق بولمىغان دۆلەت خادىمىدىن 581ى بولۇپ، جەمئىي 946 كىشى باركەن.

  رەتلەپ چىقىلغان پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئۇقتۇرۇشتا ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ۋە ئىقتىسادىي جىنايەتكە چېتىشلىق چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 22 كىشىنىڭ چەت ئەلدىكى تۇرۇش ئېھتىماللىقى بولغان تۇرۇشلۇق جايى جەمئىيەتكە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ قاچقۇنلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى جۇڭگو دۆلەت مەركىزىي ئىدارىسى 2015-يىلى 4-ئايدا مەركەزلىك ئېلان قىلغان «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 جىنايەتچى»كەن. ئۇقتۇرۇشتا بۇ قاچقۇنلارنىڭ قېچىش ئالدىدىكى سالاھىيەت ۋەزىپىسى، چېتىشلىق جىنايى قىلمىشى، قاچقان ۋاقتى، قېچىپ بارغان دۆلىتى ۋە قاچقاندا ئىشلەتكەن كىنىشكا نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا بۇ قاچقۇنلارنىڭ ھازىر ئامېرىكا، كانادا، يېڭى زېللاندىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، سايىنت كىتىس ۋە نېۋىس قاتارلىق ئالتە دۆلەتتە ئولتۇراقلاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنۇش ئېھتىماللىقى بولغان كونكرېت ئادرېسى ئاشكارىلانغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر