باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر چېگرا مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى تەستىقلىدى

2017.04.28 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 27-ئاپرىل ئاۋازغا قويۇپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر چېگرا مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى تەستىقلاش قارارىنى ماقۇللاپ، بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24-ئاپرىلدىن باشلاپ، گوۋۇيۈەن قاراپ چىقىشقا سۇنغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر چېگرا مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى» توغرىسىدىكى تەكلىپنى قاراپ چىقتى. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى ۋېي گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەكلىپ توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەندە، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ كېلىشىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چېگرا مۇداپىئە ھەمكارلىق ساھەسىدىكى مۇھىم شەرتنامىسى بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چېگرا مۇداپىئە ھەمكارلىقى ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ كېلىشىم 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 10- كۈنى ۋۇفادا ئىمزالانغان بولۇپ، سۆز بېشى ۋە خاتىمىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، جەمئىي 14 ماددا. كېلىشىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: «چېگرا رايون»نىڭ دائىرىسى ۋە «چېگرا مۇداپىئە ھەرىكىتى»نىڭ تۈرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل ئورگانلىرى بېكىتىلدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەسئۇل ئورگىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بولدى؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپى، مىزانى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇن- نىزامىغا ئاساسەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، ھەر قايسى تەرەپ مەسئۇل ئورگانلىرىنىڭ چېگرا رايوندا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقاش، ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، چېگرا رايونلاردىكى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش، قورال- ياراغ، ئوق- دورا، پارتلاتقۇچ، زەھەرلىك بۇيۇم ۋە رادىئوئاكتىپلىق ماتېرىياللارنى قانۇنسىز توشۇشقا زەربە بېرىشى، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، ئاسانلا زەھەر شەكىللەندۈرىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇم، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە باشقا دۆلەت ھالقىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشى بەلگىلەندى؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىق يۆنىلىشى ۋە ھەمكارلىق شەكلى قاتارلىقلار بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر