باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىللىق چوڭ-چوڭ سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىشى ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئورۇنلارنى تەقدىرلىدى ۋە رىغبەتلەندۈردى

2017.04.28 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىللىق تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار چوڭ-چوڭ سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن 26 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)، 90 شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)، 127 ناھىيە (شەھەر، رايون) نى تەقدىرلىدى ھەم 24 خىل تەدبىر قوللىنىپ رىغبەتلەندۈردى ۋە مەدەت بەردى.

  بۇ قېتىم يەرلىك تىزىملىكى بويىچە كۈچلۈك ۋەكىللىك ۋە ئۈلگىلىك خاراكتېرگە ئىگە 24 گۇرۇپپا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەقدىرلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، گۇاڭدۇڭ ۋە سەنشى، شەندۇڭ، خېنەن، چۇڭچىڭ، شەنشى قاتارلىق جايلار پولات-تۆمۈر ئېرىتىش، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش نىشان ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان بولۇپ، خىزمەت ئۈنۈمى خېلى يۇقىرى بولغان؛ بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تىرىكى سۇپىسىنى قوللاش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەرەققىيات ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە دادىل ئىزدىنىپ، دادىل سىناشقا جۈرئەت قىلدى؛ ئەنخۇي، خۇبېي، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گۇيجۇ، شىزاڭ، گەنسۇلار نامراتلارنى يۆلەش-تەرەققىي قىلدۇرۇش يىللىق پىلانىنى تاماملىغان، نامراتلارنى ئازايتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۇنىۋېرسال باھالىشى ياخشى بولدى؛ بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى، تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونى، خېبىي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى قاتارلىق 20 شەھەر، ناھىيە(شەھەر، رايون) سودا-سانائەتنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى قولايلاشتۇرۇشنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلىرىگە قارىتا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولدى؛ سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ شەھىرى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى چىفېڭ شەھىرى قاتارلىق 30 شەھەر، ناھىيە (شەھەر، رايون) نىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقى (PPP) نى كېڭەيتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى قاتناشتۇرۇش دەرىجىسى خېلى يۇقىرى بولدى؛ فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرى، جىلىن ئۆلكىسى نوڭئەن ناھىيەسى قاتارلىق 40 ناھىيە (شەھەر، رايۇن) ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەرنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىدا خېلى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 20 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)، 19 شەھەر (ئوبلاست) ۋە 12 ناھىيە (شەھەر، رايون) كۆپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى تۈردىن ئارتۇق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەقدىرلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر