باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» نى بېسىپ تارقاتتى

2017.04.28 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» نى بېسىپ تارقاتتى. «لايىھە» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ساھەسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈكى ۋە تۈگۈنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ۋە ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمەتچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت يىغىنىدا «لايىھە» قاراپ چىقىلدى.

  «لايىھە» دە جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، ئاساسىي نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «لايىھە» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-،4-،5-،6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم-لېنىنمىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش » ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھات يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋى نىشاننى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ئىسلاھات يولىنى بېكىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، خىزمەتلەرنى قانۇن-نىزاملار بويىچە قانات يايدۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلاملارغا يۈزلىنىش، ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورگانلاشتۇرۇش، مەمۇرىيلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەش، ئالاقىلىشىش-ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش، ئۆزىنى تىزگىنلەپ ھوقۇقىنى قوغداشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلۇشىنى قۇدرەتلىك جەلب قىلىش ۋە مۇجەسسەملەش كۈچىگە ئىگە خەلق تەشكىلاتىغا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرىنى تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر