باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىمالىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

«1-ماي» دەم ئېلىشىدا ساياھەتكە چىققاندا، ھاۋارايى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش كېرەك

2017.04.28 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش يېقىنلاپ قالدى، كۆپچىلىك بەلكىم دەم ئېلىشتا سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن كۆپچىلىككە بىر خەۋەر يەتكۈزمەكچىمىز، «1-ماي» دەم ئېلىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز قار-يامغۇرلۇق سوغۇق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ھاۋارايى ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  27-ئاپرىل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 29-ئاپرىلدىن 2-مايغىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرىتېغى تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇل ۋە قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇ، كورلانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئازراق ۋە ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ (تاغلىق رايونلاردا قار ئارىلاش يامغۇر ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى دەريا ۋادىسى، بۆرتالا، تارباغاتاي، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قۇمۇلنىڭ شىمالى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى تاغلىق رايونلىرى، كورلىنىڭ شىمالىي قىسمىدا يامغۇر ئېغىر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ، ئېھتىمال ئۆتكۈنچى يامغۇر، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە مۆلدۈرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ.

  شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرلۇق ھاۋارايى ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، قاتناش-تىرانسپورت، دېچقانچىلىق، چارۋىچىلىققا، چارۋىلارنىڭ تۆللىشىگە مۇئەييەن پاسىسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر