خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھەللە قاتارلىق ئۇقۇملار توختىماي تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تېزدىن تەرەققى قىلماقتا.
26-ئاپرىل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز كۆچمە ئالاقە تورى، نەرسە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىلىرى يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى %15تىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ، ئۇچۇر ئىستېمالى كەسىپ كۆلىمىنى 70 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئۇچۇر ئىقتىسادىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى