باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، دېدى

2017.04.28 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 27- ئاپرىلدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان ئاتالمىش يىللىق دوكلاتىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ياۋروپا تەرەپنىڭ ئالاقىدار خاتا قىلمىشىنى توختىتىپ، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى 26-ئاپرىل «2016- يىللىق شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يىللىق دوكلاتى» ۋە «2016-يىللىق ئاۋمېن ئالاھىدە رايونىنىڭ يىللىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىشلىرىنى باھالىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاستا بولىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تۈزۈمى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈلدى، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقى ساقلاندى، بۇ پاكىت ھەممىگە ئايان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەيدۇ، ئۆزگەرمەيدۇ، تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا ئاتالمىش يىللىق دوكلات ئېلان قىلىشىغا بىز ئىزچىل قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىز ياۋروپا تەرەپنىڭ ئالاقىدار خاتا ئۇسۇلنى توختىتىشىنى، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشىنى، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر