خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش كۈنى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئەگەردە ئۈرۈمچى ۋە ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر گۈل ساياھىتى قىلماقچى بولسا، تۆۋەندىكى ئۈچ جايدىكى كۈركۈم گۈلى باغچىسى سىزنىڭ بىر بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
1.چوڭ يېشىل جىلغا ئېكولوگىيە باغچىسى: تېرىلغۇ كۆلىمى ئەڭ چوڭ
ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان چوڭ يېشىل جىلغا ئېكولوگىيە باغچىسى، دائىرىسى 9950 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، كۈركۈم گۈللىرى ئاللىقاچان ئېچىلىپ، ئەڭ چىرايلىق ھالەتكە كىردى. بۇ باغچىدا جەمئىي 18 خىل كۈركۈم گۈلى بولۇپ، ھەممىسى گوللاندىيەدىن كىرگۈزۈلگەن.
2.بالبالساي گۈل دېڭىزى مەنزىرىلىك رايونى: سەپلىمە ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل
4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى بالبالساي قىزىل قولتۇق گۈل دېڭىزى مەنزىرىلىك رايونىدا كۈركۈم گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى، 2-نۆۋەتلىك بالبالساي تاغ گۈلى ساياھەت پەسلى باشلاندى.
3.ئوتۇنكوزا شەھىرى : تۈرى ئەڭ كۆپ
4-ئاينىڭ 27-كۈنى، «يىپەك يولى گۈل دېڭىزى __ گۈزەل ئوتۇنكوزا» تېمىسىدىكى 12-نۆۋەتلىك كۈركۈم گۈلى بايرىمى ئوتۇنكوزا شەھىرى چىڭگىدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. بىر قەدەر بۇرۇن تونۇلغان كۈركۈم گۈلى گۈل سەيلىگاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەنزىرىلىك رايوندا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى