باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن 10 تىپىك دېلوسىنى ئاشكارىلاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2017.04.28 13:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن 10 تىپىك دېلوسىنى ئاشكارىلاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

  بۇ 10 تىپىك دېلو تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

  1. بۆرتالا شەھىرى ئارال توقاي چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ سابىق باشلىق ياردەمچىسى، يېزا ئىگىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گاۋ جىچياڭنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق ياردەم پۇلىنى ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. گاۋ جىچياڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، سۈپەتلىك ئۇرۇق ياردەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قاتارلىق جازالار بېرىلگەن. ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  2. خېجىڭ ناھىيەسى قىرغۇت يېزىسى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى لو جيەنخۇانىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تۇتۇپ قىلىش مەسىلىسى. لو جيەنخۇا ئاممىنىڭ يېڭىچە يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇل ئامانەت كىنىشكىسىنى ئۆز مەيلىچە تۇتۇپ قالغان، ھەمدە بۇنىڭدىن ئىچىدىن نەق پۇل ئېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازالىرى بېرىلگەن. ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  3. ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئابلىمىت تەۋەككۈلنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىپ سېتىش ۋە ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. ئابلىمىت تەۋەككۈل ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسىنى سېتىۋېتىپ،يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىگىلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازالىرى بېرىلدى.

  4. توقسۇ ناھىيەسى يۇلتۇزباغ بازىرى بازار كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى توختى مىجىتنىڭ ئاممىنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. توختى مىجىت ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ شېغىل ماتېرىيال پۇلى ۋە ئۆي سېتىۋېلىش پۇلىنى ئىگىلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلدى.

  5. ئاقتو ناھىيەسى بارىن يېزىسى قىزىل ئۆستەڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى سادىر ئابدۇرۇسۇلنىڭ سۇ ھەققىنى ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. سادىر ئابدۇرۇسۇل ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئالدىغا سۇ ھەققى ئالغان ھەم ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، ھەمدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نامىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ماددىي ئەشيالىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلدى.

  6. ئۇلۇغچات ناھىيەسى پەن-تېخنىكا بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى ھەسەنجان كىرىمنىڭ ئوقۇتقۇچى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، باشقا كىشىلەرنىڭ نامىدا ئۇنى ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. ھەسەنجان كىرىم ئۇلۇغچات ناھىيەسى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، باشقا كىشىلەرنىڭ نامىدا ئۇنى ئېلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭغا ئىككى يىل پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  7. پوسكام ناھىيەسى ئايكۆل يېزىسى ئىتتىپاق كەنت ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ شياۋنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بۇغداي تولۇقلىما پۇلىنى يالغان مەلۇم قىلىپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. ياڭ شياۋ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، تېرىلغۇ كۆلىمىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، بۇغداي تولۇقلىما پۇلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا كىشىلەرنىڭ نامىدا ئېلىۋالغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  8. مارالبېشى ناھىيەسى شامالباغ يېزىسى ئاقكۆل كەنتىنىڭ سابىق بوغالتىرى نۇراق مەمەت خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پارتىيەدە بىر يىل قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلدى.

  9. قاراقاش ناھىيەسى ياۋا يېزىسى جۈمە بازار كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇمەمەت سادىرنىڭ كوللېكتىپنىڭ ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. ئابدۇمەمەت سادىر كەنت كوللېكتىپىنىڭ ئورمان بەلباغلىرىنى ئېگىلىۋالغان، ئۆز ئالدىغا دۇكان سېلىپ ئىجارىگە بېرىپ پايدا ئالغان، كەنت كوللېكتىپىنىڭ سۇ ھەققىنى ئىگىلىۋالغان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پۇل-ماللىرىنى قورقىتىپ ئېلىۋالغان ۋە ئالداپ ئىگە بولۇۋالغان، ھەمدە ئۇلارنى تۇتۇپ قاالغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلدى.

  10. لوپ ناھىيەسى ئاچچىق يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئابلىكىم ئابلىزنىڭ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش مەسىلىسى. ئابلىكىم ئابلىز خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، كادىرلارنىڭ قاتناش ياردەم پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، ئاممىدىكى قوش نىكاھلىنىش ۋە ئارتۇق تۇغۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەردىن نەق پۇل قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازالىرى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر