خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى 27-ئاپرىل ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشنىڭ رەسمىي بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى %51.41لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن ماقۇللاندى.
رەسمىي بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قوللاش لاگېرى %51.41 سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى لاگېر %48.59 سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش بېلەت تاشلاش نىسبىتى %87.45 بولغان.
تۈركىيەدە 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش 18 تۈرلۈك ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ماددىلىرىغا چېتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى پارلامېنت تۈزۈمىدىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشكە ئائىت ماددا ئەڭ تالاش-تارتىش قوزغىدى. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى تۈركىيەدە 2019-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن رەسمىي زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى