باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى خەلقئارا تاغلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى

2017.05.02 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا تاغلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقە باشلاش مۇراسىمى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۈگۈرۈش قىزغىنلىقى بارلارغا يۈزلەندۈرۈلۈپ، «مەن ئەڭ تەقەززا بولغان يۈگۈرۈش لىنىيەسى»گە ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق سايلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  مۇسابىقە مۇرەككەپ مۇسابىقە يولىدىن سىناش ۋە كەسپىي تېخنىكا ئەترىتىنىڭ كاپالەتلىك قىلىشى قاتارلقلاردىن باشقا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مارافونچە يۈگۈرۈش ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ما دوۋدوۋ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاۋسترالىيەنىڭ كىۋىنىسلاند ئىشتاتى ساياھەت ئىدارىسى بىلەن دوستانە ياخشى ھەمكارلىشىش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ نۆۋەتلىك توردا تىزىمغا ئالدۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق يۈگۈرگۈچىلەر، 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاۋسترالىيە ئالتۇن دېڭىز مارافونچە پۈتۈن مۇساپە يۈرۈشلۈك بېلىتىگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىكەن. مۇسابىقە يۆجياڭشەن (بېيجىڭ) تەنتەربىيە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر