باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئۇكرائىنا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى كىيېۋدا ئۆتكۈزۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

2017.05.02 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو-ئۇكرائىنا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى 24-ئاپرېل كىيېۋدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ ۋېي باشلىنىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئۇكرائىنا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى ھەم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى بىر مەيدان كاتتا يىغىن، ھەم ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ دەل جايىدا تۇتاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، جۇڭگو-ئۇكرائىنانىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. دۇ ۋېي بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كاتتا يىغىنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكىدەك «تۆت تۇنجى قېتىم»غا يىغىنچاقلىدى: جۇڭگو-ئۇكرائىنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو تۇنجى قېتىم «بىر بەلباغ، بىر يول» باش تېمىسىدىكى ئادىمىيەت ئالاقىسى پائالىيىتىنى ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزدى، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى توپلىنىش شەكلىدە تۇنجى قېتىم ئۇكرائىنادا نامايان قىلىندى، تۇنجى قېتىم ئاساسلىقى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرگە تايىنىپ، چوڭ تىپتىكى ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر