باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدە يەنە بىر قېتىم تازىلاش ئېلىپ بېرىلدى

4000غا يېقىن ھۆكۈمەت خادىمى ئىشتىن بوشىتىلدى

2017.05.02 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇلتۇر تۈركىيەدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان تازىلاش ھەرىكىتى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە. 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەدلىيە سىستېمىسى، ھەربىي تەرەپ بىلەن ئىلمىي ساھەدىكى 3900دىن ئارتۇق كىشىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بوشاتتى، 40 نەچچە پايدا ئالمايدىغان ئاپپارات ۋە جەمئىيەتلەر تاقالدى.

  بۇ، تۈركىيەدە 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئەردوغان قوزغىغان يەنە بىر قېتىملىق تازىلاش ھەرىكىتى. 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، تۈركىيە ساقچى تەرەپ ۋە ئاخبارات تارماقلىرى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى قوزغىدى، ئامېرىكىدىكى دىنىي زات فەتخۇللا گۈلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ساقچى سىستېمىسىدىكى 1000دىن ئارتۇق خادىم قولغا ئېلىندى.

  بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۈركىيەدە ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، 246 ئادەم قازا قىلدى، 2000دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان گۈلەننى دېلونىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، دەپ بېكىتىپ، ئامېرىكىنىڭ گۈلەننى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا تەرەپ رەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر