باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: 2017-يىلى ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى 30 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ

2017.05.02 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ 2017-يىللىق ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا 2017-يىلى ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەرنىڭ كىشى بېشىغا بېرىدىغان ياردىمىنى 2016-يىلىدىكى ئاساستا 30 يۈەن ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلىنى 450 يۈەنگە يەتكۈزۈش؛ 2017-يىلى شەھەر-بازار ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنى 2016-يىلىدىكى ئاساستا 30 يۈەن ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ يىللىق شەخسىي تۆلەيدىغان پۇلىنى 180 يۈەنگە يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىندى.

  (بىرىنچى) مالىيە ياردەم ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش. 2017-يىلى ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەرنىڭ كىشى بېشىغا بېرىدىغان ياردىمىنى 2016-يىلىدىكى ئاساستا 30 يۈەن ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلىنى 450 يۈەنگە يەتكۈزۈش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز مالىيەسى غەربىي رايونغا %80، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارغا %60 ئۆلچەم بويىچە، شەرقىي قىسىم رايوندىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە بەلگىلىك نىسبەت بويىچە ياردەم بېرىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەلەر نامرات رايونلارغا مايىللىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن مالىيەنىڭ ئۈستىگە ئېلىش چارىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. «گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىشىنى قوللايدىغان بىر قانچە مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىكى تەلەپ بويىچە، تۇرۇش كىنىشكىسى بار سۇغۇرتىغا قاتناشقان ۋە ئوخشاش ئۆلچەم بويىچە ھەق تاپشۇرغانلارغا شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە ئوخشاش ئۆلچەم بويىچە ياردەم بېرىش كېرەك.

  (ئىككىنچى) شەخسلەردىن ھەق ئېلىش-يىغىشنى كۈچەيتىش. 2017-يىلى شەھەر-بازار ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنى 2016-يىلىدىكى ئاساستا 30 يۈەن ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ يىللىق شەخسىي تۆلەيدىغان پۇلىنى 180 يۈەنگە يەتكۈزۈش كېرەك. جايلار تەشۋىقات ۋە يېتەكلەش سالمىقىنى زورايتىپ، شەخسلەردىن ھەق ئېلىش-يىغىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. «داۋالىنىش ياردىمى بىلەن شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى ئۈنۈملۈك جىپىسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەر، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تارقاتقان نامرات ئاھالىلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر