باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئوق پويىزىنىڭ بىر كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى 10 مىڭ كىشىدىن ئاشتى

2017.05.02 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى يولۇچى توشۇش تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، 28-ئاپرىل، شىنجاڭ ئوق پويىزىنىڭ بىر كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 10 مىڭ كىشىدىن ئاشقان.

  2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول __ لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ ئۇچاستىكىسىدا ئوق پويىز قاتناشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، يەرگە چاپلىشىپ ئۇچقاندەك ماڭىدىغان «ئىناقلىق» ماركىلىق ئوق پويىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئېلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىگە كىردى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئوق پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىش تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تاللىشى بولۇپ قالدى.

  ئۈرۈمچى ئاھالىسى ليۇ جياجۈن پويىزغا چىقىش ئالدىدا مۇنداق دېدى: «چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، بىز ئۆزىمىز ماشىنا ھەيدەپ تۇرپانغا ئۆرۈك چېچىكى كۆرۈپ كېلىشكە بارغانىدۇق، بىراق بېرىپ كېلىشتە يولدا نەچچە سائەت توسۇلۇپ قېلىپ، ۋاقىتنىڭ ھەممىسى يولغىلا كەتتى، بۇ قېتىم بىز قۇمۇلغا ئوق پويىزدا بارماقچى بولدۇق، بۇنىڭدا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىلا يېتىپ بارغىلى. ۋاقىتنى ھەم زېھنىنى تېجىگىلى بولىدىكەن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر