باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى:

مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىشى ۋە ئوقۇشقا كىرىشى «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، رەت قىلىنىشى يوق بولۇش» كېرەك

2017.05.02 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى «مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىش ۋە ئوقۇشقا كىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا، «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، رەت قىلىش ئەھۋالى يوق بولۇش»دېگەن تەلەپ بويىچە، ھەمدە مېيىپ بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مائارىپ جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك ۋە ئوقۇش يېشىغا توشقان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى بىر-بىرلەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك دېگەنلەر تەلەپ قىلىندى.

  مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ 161- قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا تۈزىتىپ ماقۇللانغان «مېيىپلار مائارىپى نىزامى» 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلۇش قارار قىلىنغان. مەزكۇر نىزامنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن تىزىملاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەش، شارائىت كاپالىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىجتىمائىي تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق بەش جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇش يېشىغا توشقان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىنىدى: ئۆلكە (رايون، شەھەر) قاتارلىق جايلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈرى ۋە دەرىجىسىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىش، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ مەسىلىسىنى ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىشى ۋە مەكتەپكە كىرىشىدىن ئىبارەت ئومۇمىي خىزمەتلىرى بىلەن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەلەپلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. رايون ۋە ناھىيەلەرنى بىرلىك قىلغان ئاساستا، مېيىپلار مائارىپى مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتىنى تەسىس قىلىپ، مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى پات-پات شاللاپ تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلاردىكى مېيىپلىق ئەھۋالىنى پات-پات شاللاپ تەكشۈرۈپ تۇرۇش ۋە مېيىپلارنى ئىستاتىستىكا قىلىپ تۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، مەجبۇرىيەت مائارىپ ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كېرىشتىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇش يېشىغا توشقان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى ۋە مېيىپ بولغان ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ تۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر