باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت مەمۇرلۇقى ئىمتىھانىدىكى بوش ئورۇنلارغا 3-مايدىن 5-مايغىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2017.05.02 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇقى ئىمتىھانىنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانى، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە كۆزىتىپ كۆرۈشتىن كېيىن، بىر قىسىم ئورۇنلاردا بوش قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، نۆۋەتتە 2377 خىزمەت ئورنىغا جەمئىيەتتىن ئوچۇق-ئاشكارا تولۇقلاپ خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئىشلەنمەكچى. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار 3-ماي سائەت 8دىن 5-ماي سائەت 18گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدىغان تور بەت)http://bm.scs.gov.cn/sectj2017(كە چىقىپ، تەڭشەشنى ئىلتىماس قىلىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تىزىملاتسا بولىدۇ.

  نۆۋەتتە، تەڭشەشكە بولىدىغان ئورۇنلار، تەڭشەشكە بولىدىغان ئادەم سانى، ئىمتىھان تۈرى، سالاھىيەت شەرتى، ئادەم قوبۇل قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتى (http://bm.scs.gov.cn/2017)، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تور بېكىتى(http://www.mohrss.gov.cn) ۋە دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى تور بېكىتى (http://www.scs.gov.cn) دە ئېلان قىلىندى.2377 تەڭشىلىدىغان ئورۇندىن 234ى شىنجاڭ دائىرىسى ئىچىدە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىشلىرى ئىدارىسىدا 219 ئورۇن، ئۈرۈمچى تۆمۈريولى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدا 13 ئورۇن، ئۈرۈمچى تاموژنىسىدا ئىككى ئورۇن بار ئىكەن.

  2017-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارغا مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ھەمدە يازما ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى ئەسلىدىكى تىزىملاتقان ئورۇننىڭ ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك نومۇر سىزىقىغا يەتكەن ئىمتىھان بەرگۈچى تەڭشەشكە قاتناشسا بولىدۇ . ئەگەردە، نەق مەيدان تىزىملىتىش ئارقىلىق دۆلەت مەمۇرىلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىپ قاتناشقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ناۋادا تەڭشەش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 18:00كىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، مەمۇر قوبۇل قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ تەستىقلىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر