باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى «يەر بىلەن نامراتلارنى يۆلەش» يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلدى

2017.05.02 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاشۇرۇش بىلەن كېمەيتىشنى باغلاش سىياسىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش ئۈچۈن، ئۆلكە دەرىجىلىك يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇرۇش بىلەن كېمەيتىشنى باغلاش ئېشىنچا كۆرسەتكۈچىنى ئۆلكە دائىرىسىدە ئوبوروت قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئاشۇرۇش بىلەن كېمەيتىشنى باغلاش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىغا يەنىمۇ مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ ئاشۇرۇش بىلەن كېمەيتىشنى باغلاش ئېشىنچا كۆرسەتكۈچىنى ئۆلكە دائىرىسىدە ئوبوروت قىلىپ ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى بېكىتتى. ئاشۇرۇش بىلەن كېمەيتىشنى باغلاش ئېشىنچا كۆرسەتكۈچىنى ئىشلىتىش دائىرىسى قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلار ۋە تەۋەلىك رايونلاردىن باشقا يەنە دۆلەت بېكىتكەن نامرات ناھىيەلەردىن ئۆلكە بېكىتكەن نامرات ناھىيەلەرگىچە كېڭەيتىلدى، بۇ سىياسەت پايدىسىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار دېيىلدى: ئۆلكە دەرىجىلىك يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەر ئاشۇرۇش بىلەن كېمەيتىشنى باغلاش ئېشىنچا كۆرسەتكۈچىنى ئۆلكە دائىرىسىدە ئوبوروت قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. جايلار ئاشۇرۇش بىلەن كېمەيتىشنى باغلاش تۈرى ۋە ئېشىنچا كۆرسەتكۈچنى ئوبوروت قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېشىنچا كۆرسەتكۈچنى ئوبوروت قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، سۇپا بەرپا قىلىپ، كۆۋرۈك بولۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئېشىنچا كۆرسەتكۈچنى ئوبوروت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى؛ يەردىن پايدىلىنىش پىلانى تۈزۈپ چۈشۈرگەندە كۆپەيمە ۋە ساقلانما يەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېشىنچا كۆرسەتكۈچنى رايونلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇش يېرى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق ئازايتىپ، تىجارەتلىك يەرلەردىن ئىمكانقەدەر ئاشۇرۇش بىلەن كېمەيتىشنى باغلاش كۆرسەتكۈچى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق، ئاشۇرۇش بىلەن كېمەيتىشنى باغلاش ئېشىنچا كۆرسەتكۈچىنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىشى؛ ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) ئاشۇرۇش بىلەن كېمەيتىشنى باغلاش ئېشىنچا كۆرسەتكۈچىنى ئۆلكە دائىرىسىدە ئوبوروت قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغاندا، بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى نوپۇسقا ئېلىش، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى قاتارلىق ئامىللارنى تولۇق ئويلىشىپ، ئاشۇرۇش بىلەن كېمەيتىشنى باغلاش مەخسۇس پىلانىنى «مەملىكەت بويىچە <13-بەش يىللىق> نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش پىلانى»، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن ياخشى جىپىسلاشتۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر