باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلەندى

2017.05.02 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بارلىققا كەلگەن شىڭئەن ئايمىقىنىڭ ئۇلانخوت شەھىرىدە نەچچە مىڭ ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. 1- ماي مەيدانىدا ناخشا ئاۋازى ياڭراپ، ئات باشلىق غېجەك جۇشقۇن كۈيلىنىپ، ئۇسسۇللار ئوينالدى. 74 ياشلىق موڭغۇل بوۋاي بەي چۈنمېي خۇشال ھالدا: «بۈگۈن ئىچكى موڭغۇلنىڭ 70 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. باشقىلار بۈگۈن پەقەت ئەمگەكچىلەر بايرىمى ئۆتكۈزسە، بىز ئىچكى موڭغۇللۇقلار قوش بايرام ئۆتكۈزۈۋاتىمىز»، دېدى.

  ئۇلانخوت شەھەر مەركىزىدە بىر كۆك كۈل رەڭ كاھىشلىك ئىككى قەۋەتلىك ئىمارەت بار بولۇپ، بۇ جاي «1- ماي» يىغىنى ئورنى بولۇپ، 70 يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان ئىدى. ئۇلانخوت شەھىرى ئاھالىسى، بۇ يىل 91 ياشقا كىرگەن لى كۈن: «ئاپتونوم رايون يېڭى قۇرۇلغاندا، پۇقرالار قوناق جىڭمومىسى يەپ، ياماق كىيىم كىيىپ، جىنچىراغ يېقىپ، كېسەك ئۆيدە تۇراتتى، يىراققا سەپەرگە چىققاندا پەقەتلا ئىشەك مىنەتتى... ھازىر كۈنلىرىمىز بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، نەرسىلەردىن غەم قىلمايمىز، بىنالاردا تۇرىمىز، ماشىنىغا ئولتۇرىمىز، بۇ شەھەر نەچچە يىلدا يېڭى بىر قىياپەتكە ئۆزگىرىدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر