خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، تيەنجىن بېكىتىدە بېلەت ساتقۇچى خادىملار سېتىلىش ئالدىدىكى بېيجىڭ- تيەنجىن شەھەرلەر ئارا ئېتىبار كارتىسى (سول تەرەپتىكى ئالتۇن كارتا، ئوڭ تەرەپتىكى كۈمۈش كارتا)نى كۆرگەزمە قىلماقتا.
شۇ كۈنى، «بېيجىڭ-تيەنجىن شەھەرلەر ئارا شەھەر ئىچى ئېتىبار بېرىش كارتىسى» رەسمىي تارقىتىلغان بولۇپ، ئالتۇن كارتا ۋە كۈمۈش كارتا قاتارلىق ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، ئالتۇن كارتا بىلەن 1-دەرىجىلىك ئورۇنغا ئولتۇرۇشقا بولىدۇ، كۈمۈش كارتا بىلەن ئىككىنجى دەرىجىلىك ئورۇنغا ئولتۇرۇشقا بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا %95لىك، %90لىك ۋە %85لىك ئۈچ خىل ئېتىبار يولغا قويۇلغان. يولۇچىلار ئۆزىنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن ئوتتۇرىسىدىكى سەپەرگە چىقىش قېتىم سانىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق كېلىدىغان ئېتىبارلىق مەھسۇلاتنى تاللىسا بولىدۇ. ئۆزىنىڭ «بېيجىڭ-تيەنجىن شەھەرلەر ئارا شەھەر ئىچى ئېتىبار بېرىش كارتىسى» بار يولۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تەكشۈرشىنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى ھاجەتسىز، ئاپتوماتىك نومۇر ئالغاندىن كېيىن، كارتا سۈرتۈپ ۋوگزالغا كىرسە بولىدۇ. بۇ، شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولدا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئوخشاش سەپەرگە چىقىشتا يارىتىلغان قۇلايلىقلارنى گەۋدىلەندۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى