باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كەسپى ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن

2017.04.11 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى بىر قىسىم كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنى تەشكىللەپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن. بۇ پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ۋاقتىنى 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە قىلىپ بېكىتكەن.

  4- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى شۇكى، ئاپتونوم رايونىمىزنى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك بولغان رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىللە قۇرغان رايون ۋە مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش مېخانىزمدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىستۇدېنتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىشىنى جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

  بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى، بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەن ۋە چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەر ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش-تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىنىڭ كەسپىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ھەمدە ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە سەۋىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىق تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر