باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى نەتىجىسى ئومۇمىي نەتىجىگە قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ

«ئۈچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدىن پەقەت بىرسىگە قاتنىشىشقا بولىدۇ

2017.04.17 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلىدا، چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانى بولسا چوقۇم ئالىدىغان ئىمتىھان تۈرى، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى 30 نومۇر بولۇپ، ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش تەشكىللەپ تەكشۈرىدۇ، نەتىجىسى ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلى ئومۇمىي نەتىجىسىگە قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ.

  16-ئاپرىل مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىدا ئاپتونوم رايون بويىچە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى بىر تۇتاش تۈزگەن ئىمتىھان سوئالى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (بۇنىڭ ئىچىدە يازمىچە قىسمى 120 نومۇر، ئاڭلاش ئىقتىدارى قىسمى 30 نومۇر)، خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىدا MHK ئىمتىھان سوئالىغا تەقلىد قىلىنغان سوئال ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش سوئالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (بۇنىڭ ئىچىدە يازمىچە قىسمى 120 نومۇر، ئاڭلاش ئىقتىدارى قىسمى 30 نومۇر).

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: 2017-يىلى «ئۈچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» (ئادەتتىكى ياكى چوڭلار ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى) ئوقۇغۇچىلىرى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىپ قاتناشسىمۇ، ياكى ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش سوئال چىقىرىدىغان «ئۈچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى»نى بەرسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئىككىسىدىن پەقەت بىرسىنى بېرىشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر