باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بەش چوڭ تۈردىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش يولغا قويۇلىدۇ

بۇ يىل مائارىپ ساھەسىگە 28 مىليارد 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ

2017.04.18 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەچچە ۋاقىتتىن بېرى، پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلبويى يېزىسى بودىمال كەنتى بالىلار باغچىسىنىڭ يېنىدا، توپا قېزىش ماشىنىسىنىڭ «توڭ، توڭ» قىلغان ئاۋازى بىلەن، يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى. بۇ يىل 9-ئايدا، يېڭىدىن سېلىنغان يەسلىدە ئوقۇش باشلىنىدىغان بولۇپ، كەنتتىكى 150دىن ئارتۇق بالىلارنىڭ ھەممىسى سىغىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2017-يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىللىق مائارىپ __ « ئوقۇتۇش مەيدانى بولۇش، ئوقۇتقۇچى قوشۇنى بولۇش، دەرسلىكى بولۇش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەر جەمئىي 7 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 3845 يېزا قوش تىل يەسلىسى سالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 2899 يەسلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، شەھەرگە تارقالغان.

  ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق قوش تىل يېزا يەسلى قۇرۇلۇشى تۈرى ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويۇۋاتقان كۆپ تۈرلۈك مائارىپتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 28 مىليارد 960 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.

  مەبلەغ ئاساسلىقى يېزا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى، كونىراپ كەتكەن مەكتەپلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇشى، كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭى ئوقۇش رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بەش چوڭ تۈرگە سېلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر