باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز كارخانىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ مائاشى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باھالاش نەتىجىسىگە باغلىنىدۇ

2017.04.18 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 17-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بۇ يىل مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باھالاش چارىسى تۈزۈپ، يىل ئاخىرىدا مەركەز كارخانىلىرى پارتكومى(پارتگۇرۇپپىسى) دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىغا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندىن باشقا، يەنە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باھالايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۇنجى پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-نىزامكەن. چارىدە مەركەز كارخانىلىرى پارتكومى (پارتگۇرۇپپىسى)نىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، شۇجىنىڭ باش مەسئۇلىيىتى، مەخسۇس ۋەزىپىلىك مۇئاۋىن شۇجىنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى، بەنزىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ «بىر ئىش ئورنىدىكى قوش مەسئۇلىيىتى» ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، مەسئۇلىيەت مەزمۇنى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى باھالاش ۋە نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە ئەتراپلىق تەلەپ قويغان. بۇ قېتىملىق يىغىن دەل دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ چارىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى»نى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى.

  دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى خاۋ پېڭ يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىدا مەسىلە كۆرۈلسە ئالدى بىلەن شۇجىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مەسئۇلى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) شۇجىسى، باش مۇدىرلىقتىن ئىبارەت ئىككى ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەتنى بىر ئادەم زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇنى دەپ، بۇنىڭدىن قۇرۇق قېلىش، بىر قولدا قاتتىق، بىر قولدا يۇمشاق بولۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «دوكلات بېرىش، باھالاش، تەكشۈرۈش، ئىشلىتىش» بىرلەشكەن خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. خىزمەت ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن دوكلات بېرىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باھالاش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باھالاش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باھالاش نەتىجىسىنى كارخانا رەھبىرىي خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش، مائاش، مۇكاپاتلاش-جازالاشقا باغلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر