باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مەڭگۈ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بولىمەن

− كېرىيە ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى رۇقىيەم مەتسەيدى

2017.04.18 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى، ئۇلۇغ بوۋام قۇربان تۇلۇم ئىلگىرى خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر دېھقان ئىكەن. شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلۇغ بوۋام ئۇزاقتىن بۇيان ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئەركىن، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشكەن. ئۇلۇغ بوۋام 1958- يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى خۈەيرېنتاڭ زالىدا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلۇغ بوۋام قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا تارقالغان ھەم كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن، قۇربان تۇلۇممۇ مەملىكەت خەلقىنىڭ قەلبىدە ۋەتەننى، پارتىيەنى سۆيۈش نەمۇنىچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسىگە ئايلانغان.

  مومام توختىخان قۇربان ئۇلۇغ بوۋامنىڭ چوڭ قىزى، مومام ئۇلۇغ بوۋامنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگىنىنى دائىم يادىغا ئېلىپ: ئەينى يىلى ئۇلۇغ بوۋاڭ پارتىيەگە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان، بۈگۈن بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە تېخىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك، دەيدۇ. مەن مومامنىڭ ئارزۇسى بويىچە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، كېرىيە ناھىيەسىدىكى خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردۈم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇزاق ئۆتمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. ئائىلىمىزدىكى ھەممەيلەن باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى يەردە قويماي، باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى سۆيۈشتەك ئىلغار ئەنئەنىنى «ئائىلە ئىستىلى» گە ئايلاندۇرۇپ ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي تىرىشىمىز. مومام مۇنداق دېدى: جەمەتىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 104 ئەزاسى بار، ئۇلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىشى كېرەك!

  مەن شىنجاڭنى چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرىمەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ئائىلىمىزدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ھەربىيلىككە قاتناشتىم. مەن شىنجاڭدىكى ئاددىي بىر ئائىلىنىڭ قىزى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۇنجى ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەت ئايال دېڭىز ئارمىيە جەڭچىسى بولدۇم، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىمەن ۋە پەخىرلىنىمەن. مانا ھازىر ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ۋاقتىم توشۇپ، يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپ تەشۋىقات كادىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. مەن خىزمەت جەريانىدا ئۆز ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق ئامما ئارىسىدا «قۇربان تۇلۇم روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەيلى» دېگەن تېمىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر كىشىگىچە تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەۋاتىمەن ۋە تەربىيەلەۋاتىمەن.

  ئائىلىمىزدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئۇلۇغ بوۋام دەۋرىدىكىلەر زۇلۇم بىلەن تولغان جاپالىق تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ، قەددىنى رۇسلاپ، دۆلەتنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلاندى. پارتىيە سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە بوشاشماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە يۇرتىمىزدا تارىخىي خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن ئەمەلىيلىشىشى بىلەن شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبى ئىللىدى، تۇرمۇشىدا ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولدى! بۇنداق ياخشى تۇرمۇش ئاسماندىن چۈشتىمۇ؟ بۇنداق ياخشى تۇرمۇش مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىزگە ئەرزىمەمدۇ؟ بۇنداق ياخشى تۇرمۇش قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىمەمدۇ؟

  ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ! ھالبۇكى، بىر ئوچۇم قارا نىيەتلەر ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈشنى خالىماي، مىللەت، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. ئۇلار دۆلەتنىڭ دۈشمىنى، جەمئىيەتتىكى «زەھەرلىك ئۆسمە»، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن چىققان مۇناپىقلار! ھەرقانداق بىر ئاق كۆڭۈل كىشى بۇنداق قەبىھ زوراۋانلىق قىلمىشقا چىداپ تۇرالمايدۇ! تېررورچىلار سادىر قىلغان تۈرلۈك قانلىق پاجىئەلەر ئالدىدا تېخىچە ئۇيقۇدا ياتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئەمدى ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، سەگەك تۇرۇشى، ئۇنىڭغا داۋاملىق ئېتىبارسىز قارىماسلىقى، بىخۇدلۇق قىلماسلىقى كېرەك. شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ زوراۋان-تېررورچىلار ئاللىبۇرۇن ۋەتەنگە، خەلققە، ئۇيغۇرلارغا خائىنلىق قىلدى! ھەرقانداق ھېسداشلىق، سۈكۈت قىلىش، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىش، ھەتتا تېررورچىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى قوللاش مۇقەررەر ھالدا مىللىتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، كەلگۈسىمىزنى ۋە بەختىمىزنى نابۇت قىلىدۇ! ھەر بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى دادىل كۈرەش قىلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئۇيغۇرلار شۇندىلا دۆلەتكە ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدۇ. بىز − ئۇيغۇر ئاممىسى ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا چوقۇم پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىشىمىز، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز، چوقۇم پارتىيەنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشىمىز، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، چوقۇم قەتئىيلىك بىلەن بايرىقىمىز روشەن ھالدا تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇشىمىز، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا يولىمىز تېخىمۇ پارلاق، تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ، بەختلىك تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ، ياخشىلىنىدۇ!

  قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى، ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ۋەتەنگە، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىمەن ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىمەن، « ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمەن! قىلچە بىخەستەلىك قىلمايمەن، قورقۇنچاقلىق قىلمايمەن، مۇرەسسە قىلمايمەن، قەتئىي يول قويمايمەن! پولاتتەك ئىرادەم بىلەن ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت، مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى خاتىرجەم قىلىمەن!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر