باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.04.13 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 12-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك، قولاي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر مەكتەپ بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى(دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىرلەشمە گەۋدە قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ـــ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دورا ھەمتۈرتكىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك، قولاي داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. بىرىنچى، مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش، مالىيە سېلىنمىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى، كادىرلارنى باشقۇرۇش جەھەتلەردە ساقلانغان توساقلارنى بۇزۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن 3-دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ياكى كەسىپ ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك دوختۇرخانىلار، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار باشچىلىقىدىكى دەرىجىسى، تۈرى ئوخشىمايدىغان شەھەر-يېزا داۋالاش ئاپپاراتى ياكى مەخسۇس كېسەللىكلەر ئارا ئۈستۈنلۈكتىن ئۆز ئارا پايدىلىنىپ، ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىدىغان داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە چەت، نامرات رايونلارغا يۈزلەنگەن يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق تورىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇتەخەسسىس ئەۋەتىش، مەخسۇس كېسەللىكلەر بۆلۈمىنى ئورتاق قۇرۇش، كەسىپكە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئىچىدە ساغلاملىق ئارخىپى، كېسەللىك تارىخى قاتارلىقلارنى ئۆز ئارا بىلىشىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش، رېتسېپنى ئورتاق ئىشلىتىش، دورىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تېببىي تەسۋىر، تەكشۈرۈش، سىناق قاتارلىق مەركەزلەرنى قۇرۇپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئىچىدە بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئوخشىمىغان بىرلەشمە گەۋدىلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش مېخانىزمىنى تىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىپ ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىل ئىچىدە بارلىق نامرات ئاھالىلەرنى مۇلازىمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئاھالىلەرنى تۇنجى بولۇپ ئاساسىي قاتلامدا كېسەل كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش، يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار كېلىشىم ئىمزالىغان ئاغرىقلارنى ئالدىن كۆرۈش، تەكشۈرۈش، دوختۇرخانىدا يېتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى، ئېغىر كېسەللەرنىڭ تۇراقلىشىش مەزگىلى قاتارلىق ئاغرىقلارنى تۆۋەنگە يۆتكەپ داۋالاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. كۈتۈش دوختۇرخانىسى، مەخسۇس سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىگە قوشۇلۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، سىياسەت مەدىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. داۋالاش بايلىقىنى يۇقىرى-تۆۋەنگە يەتكۈزۈشكە پايدىلىق تەقسىماتتىكى رىغبەت مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. تىك لىنىيەلىك ھەمكارلىشىدىغان داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىلىرىگە داۋالاش سۇغۇرتىسى ئومۇمىي سوممىسىنى تۆلەش قاتارلىق كۆپ خىل پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام داۋالاش مىقدارىنىڭ نىسبىتى، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالاش نىسبىتى، ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ياخشىلاش قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى نەتىجە باھالاشقا كىرگۈزۈش كېرەك. داۋالاش خادىملىرى بىرلەشمە گەۋدە ئىچىدە يۆتكىلىپ خىزمەت قىلسا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى ھاجەتسىز. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ كېسەللىكتىن مۇداپىئەلىنىش، داۋالىنىشقا قولايلىق بولۇش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرۋىشى قاتارلىق تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر