خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېنىيە مومباسا-نايروبى تۆمۈريولىنى بىرلەشمە تەڭشەپ سىناق قىلىش خىزمىتى ھازىر مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۆلچەرلەنگەن 6-ئايدىكى قاتناش باشلاش، سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە تەييارلىق ياخشى ئىشلەنمەكتە. شەرقىي ئافرىقىدىكى بىرىنچى چوڭ پورت مومباسا ۋە پايتەخت نايروبىنى ئۇلايدىغان مومباسا- نايروبى تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 480 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ كېنىيە مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان ياسالغان تۇنجى تۆمۈريول.
كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا 2015-يىلى بۇ تۈرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بۇ تۆمۈر يولنىڭ ئۆتكەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا كېنىيەدە ياسالغان ئەڭ چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرى ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى