باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر كەسپىي يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتنى كۈتۈۋالدى

2017.04.17 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇر كەسپى ساھەسىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى 47 بولۇپ، 24 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، بۇ،2016-يىلىدىكىدىن يەتمىش نەچچە پىرسەنت كۆپكەن. ئاساسلىقى يۇمتال ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمەتچىلىكى، ئېلېكتىرون ئۇچۇر ياسىمچىلىقى، خەۋەرلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەگە مۇناسىۋەتلىككەن. دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇر كەسىپى ساھەسىدە مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش نۇقتىلىق تۈرىگە 981 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىللىق مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %5.11 ئورۇندالغان، قالغان تۈلەردە 4-ئايدا داۋاملىق قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 13-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاخىرلىرىدا، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرون ئۇچۇر ياسىمچىلىقى كىرىمى 50 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزىلىدىكەن، يۇمتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى 20 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئەمگەك زىچ توپلاشقان ئېلېكتىرون مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش مۇھىم بازىسى ۋە ئېلېكتىرون ئۇچۇر مەھسۇلاتىنى غەربكە ئېكسپورت قىلىدىغان ئۆتەڭگە ئايلاندۇرىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر