خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن «خەلق سارىيى»دا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن سان تومې ۋە پىرىنسىپىنىڭ زۇڭلىسى تروۋوئادا بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سان تومې ۋە پىرىنسىپى مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى، سان تومې ۋە پىرىنسىپى دۆلىتى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ماسلاشقان. جۇڭگو ئىزچىل دۆلەتنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماسلىق، بىردەك باراۋەر بولۇش، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. سان تومې ۋە پىرىنسىپىنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا، سان تومې ۋە پىرىنسىپى بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى