خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 12-كۈنى، بېيجىڭ يەنباۋ ماچۈەنيىڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيلەرنى تىزىملاش ئورنىدا، خىزمەتچى خادىملار شەھەر ئاھالىلىرى تاپشۇرغان ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرمەكتە. بېيجىڭ يەنباۋ ماچۈەنيىڭ ئولتۇراق رايونى ۋە يەنباۋ گاۋمىديەن ئولتۇراق رايونى قاتارلىق ئىككى كاپالەتلىك جامائەت ئىجارە ئۆي تۈر قۇرۇلۇشىدا يېقىندا ئىش باشلاندى. ئىككى تۈر 400 يۈرۈش جامائەت ئىجارە ئۆي مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %30 ئۆيلەر مۇقىم خىزمىتى بار، بېيجىڭ نوپۇسىدا بولمىغان ئۆيى يوق ئائىلىلەرگە يۈزلەنگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى