باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ناشتىلىقتا چوقۇم «ئۈچنى تاللاش، تۆتنى ئازايتىش» كېرەك

2017.04.12 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياخشى بولغان ناشتىلىقنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەرتى: ئاساسىي يېمەكلىك، ئاقسىللىق يېمەكلىك ۋە كۆكتات-مېۋە قاتارلىق بۇ بىر نەچچە چوڭ تۈردىكى يېمەكلىكلەر بولۇشى كېرەك. ئەگەر «ئۈچنى تاللاش، تۆتنى ئازايتىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرالىسىڭىز، يەنى، سالامەتلىككە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك تاللاپ، سالامەتلىككە زىيانلىق بەزى يېمەكلىكلەرنى ئازايتالىسىڭىز، ئەتىگەنلىك تامىقىڭىز ناھايىتى مول بولىدۇ.

  بىرىنچى تاللاشتا: گادۇ ئۇماچ، تېرىق شوۋىگۈرۈچى, قارا شوۋىگۈرۈچ، سۇلۇ ئۇنىدىن قىلىنغان شوۋىگۈرۈچ, پۇرچاق مانتىسى, بۇغداي موما، پۈتۈن بۇغدايدا قىلىنغان بولكا, تاتلىقياڭيۇ , يېڭى كۆممىقوناق قاتارلىق قارا ئاشلىقلارنى تاللاش لازىم، چۈنكى، گۈرۈچ تامىقى ياكى ئاق ئۇنلۇق تاماقلارنىلا يېگەندە ئوزۇقلۇق بەك كەم بولۇپ قالىدۇ.

  ئىككىنچى تاللاشتا: تۆۋەن مايلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى تاللاش، مەسىلەن سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم, سۈت, قېتىق, پۇرچاق شىرنىسى, پۇرچاق ئۇيۇتمىسى, كالا گۆشى، قارا گۆش قاتارلىقلارنى تاللاش لازىم، چۈنكى، بۇنداق يېمەكلىكلەردە ئوزۇقلۇقلار مول بولغاچقا، ئۇلار ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تەمىنلەش بىلەن بىرگە، قورساقنى ئىتتىك تويغۇزۇپ، سائەت 11دىلا قورسىقىڭىز ئاچىدىغان ئەھۋالنى تۈگىتىدۇ.

  ئۈچىنچى تاللاشتا: يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى تاللاش لازىم، چۈنكى، ئۇلاردا، بولۇپمۇ قېنىق رەڭلىك يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەردە ئوزۇقلۇق تېخىمۇ مول بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يەنە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىسى بار. خام يېيىش ياكى دۈملەش يېيىشنىڭ ھەممىسى ئەتىگەنلىك تاماقتا كۆكتات يېيىشتىكى ياخشى ئۇسۇل.

  «ئۈچنى تاللاش»لا كۇپايە قىلمايدۇ، «تۆتنى ئازايتىش»مۇ ئىنتايىن مۇھىم.

  بىرىنچى ئازايتىشتا: پىلتە قۇيماق، قۇيماق, تۇخۇم پىرەنىكى، پىرەنىك, تەييار چۆپ, سېرىقمايلىق چۈرۈك بولكا، پېچىنە قاتارلىق نۇرغۇن ماي قوشۇلغان ئىنچىكە ئىشلەنگەن دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرىنى ئازايتىش لازىم، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن، ماي مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ. گەرچە بۇلار قۇلايلىق، يېيىشلىك، «قورساق ئاچۇرمايدىغان» بولسىمۇ، لېكىن، بۇلار ئوزۇقلۇق تەكشىلىكىگە ۋە تەن سالامەتلىكىگە پايدىسىز، بۇلارنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك.

  ئىككىنچى ئازايتىشتا: مايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، باكون, مايدا پىشۇرۇلغان كالا گۆشى، توخۇ پاچىقى (ھامبۇرگ) قاتارلىق يۇقىرى ياغ ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئازايتىش لازىم، چۈنكى، گەرچە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولمىسىمۇ، ئەمما ماي مىقدارى بەك يۇقىرى بولغاچقا، بۇلار دائىم ياكى زىيادە ئىستېمال قىلىنسا، سالامەتلىككە پايدىسىز، شۇڭا بۇلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى ئازايتىشتا: تۇزلانغان كۆكتات، تۈگۈنەك قىچا, جياڭيۇغا چىلانغان كۆكتات قاتارلىق يۇقىرى تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئازايتىش لازىم، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، پەقەت تەم سەزگۈسىنى غىدىقلاش رولىنىلا ئوينايدۇ، يەنە ئۇلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى تۇز بولغاچقا، ئۇلار قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز.

  تۆتىنچى ئازايتىشتا: مېۋە- كۆكتات ئىچىملىكلىرى، سۈت ئىچىملىكى, قېتىق قاتارلىق ھەر خىل ئىچىملىكلەرنى ئازايتىش لازىم، چۈنكى، ئۇلارنى ئىچكەندە، گەرچە تەمى ناھايىتى ياخشى، قارىماققا ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن، ئـەمەلىيەتتە ئۇلار پەقەت شېكەر، مۇئەتتەر ۋە باشقا يېمەكلىك خۇرۇچى قاتارلىقلار بىلەنلا تەڭشەپ چىقىلغان بولغاچقا، ئـەمەلىيەتتە ئۇلاردا ھەقىقىي كۆكتات، مېۋە-چىۋە ۋە سۈت مىقدارى ناھايىتى ئاز.

  مەيلى ئۈچنى تاللاڭ، ياكى تۆتنى ئازايتىڭ، پەقەت كۆڭۈل قويسىڭىزلا، سىرتتا ناشتا قىلغاندىمۇ مول ناشتىلىقلارنى تەييارلىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر