باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020- يىلى دۆلىتىمىزدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ

2017.04.07 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت ئورۇن يېقىندا بىرلىكتە «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى(2017-يىلىدىن2020- يىلىغىچە)»نى تارقىتىپ، 2020- يىلىغىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر)لەردە مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى %90 تىن ئاشۇرۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپى مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئاساسەن تەڭلەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2016- يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى %87.5 كە يەتكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ مۇنداق دەپ تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۆلكىلەردە مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى، بىراق يەنە بەزى ئاجىز ھالقىلار ساقلانماقتا: ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ بايلىقى كەمچىل، ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسى تۆۋەن؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تەرەققىياتى ماس كەلمەسلىك، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك ئارقىدا قېلىش قاتارلىقلار.

  بۇ قىيىنچىلىقلار ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى نامرات رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چەت رايونلار ۋە ئىنقىلابىي كونا رايون قاتارلىق تۆت رايوننىڭ مائارىپ بايلىقىنى زورايتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش مۇھىم نۇقتا. ئائىلە ئىقتسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار، مىيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلار بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرى قاتارلىقلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش. «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، نامرات ئوقۇغۇچىلارنى يۆلەش، ياردەم بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرمۇ ئوقوغۇچىنىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇش تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالدۇرماسلىق؛ ئىككىنچى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار مىيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مىيىپلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى بويىچە تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۈچىنچى، مائارىپ بايلىقىنى زورايتىش ئاساسىدا، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلار بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ شۇ جايدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى تېخىمۇ كۆپ تەربىيەلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش نىسبىتى ئېشىپ كېتىش، كەسپىي مائارىپ بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەش، مەكتەپ خىزمىتىنى يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئۈچ گەۋدىلىك مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش. بۇ ھەقتە «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇللدى: مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، مائارىپ بايلىقىنى زورايتىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش ئەھۋالىنى تەدرىجىي تۈگىتىش؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بايلىقىنى زورايتىش،كەسپىي مائارىپ، كەسپ بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، خاس ئەۋزەللىككە ئىگە كەسپلەرنى ئېچىش، بىرلىككە كەلگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش؛ مەكتەپ قۇرۇش تەننەرخىنى ئىلمىي تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، مۇۋاپىق بولغان تەننەرخنى بۆلۈپ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزىمىنى قۇرۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش مەبلەغ ئاجرىتىش تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق مەكتەپ خىزمىتىنىڭ نورمال يۈرۈشتۈرۈلۇشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر