باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توردا تىزىملىتىش بۈگۈندىن باشلىنىدۇ

2017.04.01 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 30- مارتتىن باشلىنىپ، 31- مارت سائەت 18دىن 30 مىنۇتقىچە داۋاملىشىدۇ، ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 18دىن 30 مىنۇتقىچە بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن تىزىملىتىشقا بولىدىكەن، تەشكىلنىڭ كۆرسىتىشى بولمىغانلار ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا ئۆزى خالاپ تىزىملاتقانلار تاللاپ ئەۋەتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدىكەن، جاۋابكارلىققا ئۆزى ئىگە بولىدىكەن.

  تىزىملاتقان ۋاقىتتا شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ تور بېكىتى (http://www.xjrsks.com.cn)دە تىزىمغا ئالدۇرۇش سىستېمىسىغا چىقىپ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى مەكتەپ كۆرسەتكەندە تولدۇرغان ئورۇن قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە تولدۇرىدىكەن. ھەر بىر ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى پەقەت بىر قېتىم تىزىملىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىكەن ۋە پەقەت بىرلا خىزمەت ئورنىنى تاللاشقا بولىدىكەن، تىزىملىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ھامان ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر