باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سەمىمىي ۋە سادىق كومپارتىيە ئەزاسى، سادىق ۋە جەسۇر خەلق ساقچىسى

−−ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش ئەترەت باشلىقى جاۋ جۇڭيۇڭ توغرىسىدا (1)

2017.03.31 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش ئەترەت باشلىقى جاۋ جۇڭيۇڭ 2017 - يىل 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خىزمەتكە كېلىپ ئىشلەۋاتقاندا تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ، 53 يېشىدا قازا قىلدى.

  نەچچە كۈندىن بۇيان، جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ پارتىيەگە سەمىمىي - سادىق، ئېغىر يۈكنى جەسۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنى سۆيۈپ، پاك - دىيانەتلىك بولۇپ خالىس تۆھپە قوشىدىغان كىشىلىك ھاياتى بىلەن تونۇشتۇم.

  ئۇ تەشكىل ئېھتىياجلىق بولغاندا، قىلچە باش تارتماي، قىيىنچىلىققا دادىل يۈزلىنىپ، ئېغىر يۈكنى جەسۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالاتتى؛ يېڭى ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ھەممىنى نۆلدىن باشلاشقا، رولىنى تېز ئۆزگەرتىپ، يېڭى ئەسكەر بولۇشقا رازى ئىدى؛ خىزمەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇ مەغلۇبىيەتكە قەتئىي تەن بەرمەي، جاپاغا چىداپ ئىزدىنىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتاتتى.

  ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر كومپارتىيە ئەزاسىدا، بىر خەلق ساقچىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئېگىلمەس - سۇنماس روھنى، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش روھىنى، ئۆزىنى بېغىشلاشقا تەييار تۇرۇشتەك ئالىيجاناب روھنى نامايان قىلدى.

  ئۇ ھەر بىر ئىش ئورنىدا، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالاتتىجاۋ جۇڭيۇڭ 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئىستاتىستىكا، تەشكىلات خىزمىتى ئىش ئورنىدىن ج خ ئورگىنىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن جىنايى ئىشلار رازۋېدكىچىسى، تەشكىلات ۋە كادىرلار ئىشلىرى، ئامانلىق ساقلاش، قاتناش ساقچىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئىش ئورۇنلىرىغا يۆتكىلىپ ئىشلىگەن، ئۇ ئىش ئورنىنى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلگەن. «ئۇ كەسىپتە پىشقان، مۇشۇ ئىشنىڭ ئەھلى». جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ ئىلگىرى ئىشلىگەن ئىش ئورنىدىكى خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا مانا مۇشۇنداق باھا بېرىدۇ.

  ئۇ پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆمرىنى كەسىپكە بېغىشلاش، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ غايە - ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشتەك مەنىۋى روھقا ئىگە ھايات يولىنى قالدۇرغانىدى.ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ زېيۈ جاۋ جۇڭيۇڭنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۇ ھەقىقەتەن ئىسمى - جىسمىغا لايىق سادىق، باتۇر كىشى. 2006 - يىلى جاۋ جۇڭيۇڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئاساسلىق جىنايى ئىشلار رازۋېدكىچىسى خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، ئۇ ئىلگىرى ئەزەلدىن جىنايى ئىشلار رازۋېدكا كەسپىنى ئۆگىنىپ باقمىغاچقا، سەپدىشى جاڭ زېيۈ جاۋ جۇڭيۇڭنى بىر پېشقەدەم رازۋېدكىچىنىڭ يېنىغا تەلىم ئېلىشقا ئاپارماقچى بولغان، لېكىن ئۇ جاۋ جۇڭيۇڭنى ئۇ يەرگە ئاپارماي تۇرۇپلا، جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ ئۇزاققىچە پاش بولمىغان بىر قاتىللىق دېلوسىنى پاش قىلىش مەقسىتىدە نەق مەيدانغا دېلونى تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىشقا بېرىپ، يېڭىچە تەپەككۇرغا تايىنىپ يىپ ئۇچىدىن باشلاپ خاتا ئانالىز قىلىنىپ قالغان بۇ دېلونى پاش قىلغانلىقىنى كۆرگەن. جاڭ زېيۈ مۇنداق دەيدۇ: جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى پېشقەدەم رازۋېدكىچىلاردىن قېلىشمايدىكەن.

  شۇنىڭدىن باشلاپ جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى جاڭ زېيۈنىڭ ھۆكۈمىنى دەلىللىگەن. 2010 - يىلى شىنجاڭلىق ساقچىلار شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قارا كۈچ −− «تارباغاتاي لى جۇڭچىڭ شايكىسى»نى بىتچىت قىلغان، مەزكۇر دېلودا جاۋ جۇڭيۇڭ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تارباغاتاي تارماق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان.ئۇ تارماق گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ، كېچە - كۈندۈز جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىغان.

  جاڭ زېيۈ مۇنداق دېدى: ئۇ خىزمەتتە ئەستايىدىل، پۇختا ئىدى، ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى جىنايى قىلمىشلارنىمۇ سۈرۈشتە قىلاتتى. شۇڭا ئەينى چاغدا بەزى كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جاۋ جۇڭيۇڭ بىر ئۆمۈر ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرغاچقا، بۇنىڭدىن قورقۇپ قالمىغان. تەشكىل ئۇنى قوغداش ئۈچۈن 2013 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى سىياسىي بۆلۈمى كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلىگەن.

  جاۋ جۇڭيۇڭ پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، كەمتەرلىك بىلەن ھەر بىر ئىش ئورنىدا ئۆزىنىڭ كەسىپچانلىق روھى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرغان.

  شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كەسكىن ۋەزىيىتى ئالدىدا، جاۋ جۇڭيۇڭ ج خ قوشۇنىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نەپىقە خىزمىتى ئىشلىگەن چاغدىكى تەجرىبىلىرى بويىچە خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدىكى ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى تولۇق ئويلىشىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ، داۋالىنىش كاپالىتى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئالتە چوڭ تەرەپتىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. يېرىم يىلدىن ئارتۇق دەلىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە، شىنجاڭدا ئىلگىرى - كېيىن كۆپ تۈرلۈك سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ج خ ساقچىلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنغان، قۇربان بولغان، يارىلانغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ نەپىقە ۋە تەمىناتى ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ شەرەپ تۇيغۇسى كۈچىيىپ، ساقچىلارنىڭ قەلبى مايىل قىلىنغان ۋە جەڭگىۋارلىقى ئاشۇرۇلغان.

  جاۋ جۇڭيۇڭ 2015 - يىلى 7 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئامانلىق باشقۇرۇش باش ئەترىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ بۇ خىزمەت ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، جەمئىيەت دائىرىسىدە باشقۇرۇش، تىزگىنلەش، خەتەرلىك، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش، «ئەمەلىي نوپۇس، ئەمەلىي ئۆي»نى ئېنىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېرېئولاشقان، ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە مۇداپىئە كۆرۈش - تىزگىنلەش ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەن. ئۇ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك سانلىق ئۇچۇرلارنى «ۋاقتىدا توپلاش، ۋاقتىدا پايدىلىنىش» قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە پۇختا ئاساس سالغان.

  جاۋ جۇڭيۇڭ 2016 - يىلى 2 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش ئەترەت باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ قۇربان بولغانغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، پۇقرالارغا قولايلىق مۇلازىمەت قىلىپ، قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ جەمئىيەتنى ئورتاق تۈزەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ناچار ھاۋا شارائىتىدا ساقچى ئىشلىرى مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتكەن. بىر يىلغا يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق 2016 - يىلى ئاممىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش ساقچىلىرىدىن رازى بولۇش نىسبىتى 2015 - يىلىدىكىدىن %0.88ئۆرلىگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ھەر تەرەپلىمە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈن جاۋ جۇڭيۇڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان چاغلاردىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئورنىمىز قانۇن ئىجرا قىلىدىغان كۆزنەك ئورۇن بولغاچقا، ئاممىنى رازى قىلماق بەك قىيىن، بۇ نىسبەت تەستە قولغا كەلگەن.ئۇ ھەر قېتىملىق يېڭىلىق يارىتىشتا، قېتىرقىنىپ قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەتتى«ئۇ كىتابقا ھېرىسمەن، ھەمىشە قولىدىن كىتاب چۈشمەيدۇ»، «ئۇ كەمتەر ھەم بىلىملىك، ھەمىشە باشقىلاردىن سوراپ ئۆگىنىدۇ»، «يېڭى بىلىملەرنى تېزلا قوبۇل قىلىدۇ ھەم خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىدۇ»...زىيارەت جەريانىدا، جاۋ جۇڭيۇڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان سەپداشلىرى نۇرغۇن ئىشلارنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ قەلبىگە كوممۇنىستلارنىڭ غايە - ئېتىقادىنى پۈككەنلىكىنى تەرىپلىدى. مانا مۇشۇنداق غايە - ئېتىقاد جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ مەيلى قانداق خىزمەت ئورنىدا بولسۇن، ياراملىق - جاسارەتلىك بولۇش روھىي ھالىتىنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە ئىجادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  جاڭ زېيۈ مۇنداق باھا بەردى: «تۆت ئاڭ» جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن، ئۇ كادىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندا پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، توسالغۇلارنى يېڭىپ كەلدى. قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇ دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، پىرىنسىپاللىقى كۈچلۈك بولغان كادىرلار خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا يەنە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جانلاندۇردى، بۇ بىر نەچچە يىلدا ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ تەمىنات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى سىياسەتلەر كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، بۇ ئاسان ئەمەس.

  جاۋ جۇڭيۇڭ يەنە دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە كۈچ تولۇقلاش ئۈچۈن، كەسپىي ئىشتات بىلەن 8600 كەنت ساقچىسى قوبۇل قىلىپ ئاساسىي قاتلام 1 - سېپىنى تولۇقلاش، چەت رايونلاردىكى ساقچىخانىلارغا ئالاھىدە ساقچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.ساقچى كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئامانلىق باشقۇرۇش باش ئەترىتى خىزمەتلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا زور توسالغۇ بولۇپ كەلگەن. جاۋ جۇڭيۇڭ ئامانلىق باشقۇرۇش باش ئەترىتىگە خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، ئۆگىنىش، تەتقىقاتنى چىڭ تۇتۇپ، ساقچى كۈچلىرى كۆپەيتىلمىگەن ئەھۋالدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاپپارات ئىسلاھاتى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش ئەترەت فۇنكسىيەسىنى ئۈچ چوڭ تۈر، يەتتە تارماققا بۆلۈپ، فۇنكسىيەنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىپ، ئالاقىدار كەسىپ تۈرلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئىنچىكە بەلگىلەش ۋە ئۆزئارا باغلاش خىزمىتىنى تاماملىغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئامانلىق باشقۇرۇش باش ئەترىتى ھەر تەرەپلىمە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېنلەي مۇنداق دېدى: 2016 - يىلى خىزمەت بېسىمى زور بولغان بىر يىل بولدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە چېتىلىدىغان خىزمەت تۈرى 100 خىلدىن ئاشتى، ساقچى كۈچلىرىمىز يېتىشمىگەن ئەھۋالدا ۋەزىپىنى يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدۇق.

  3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بۇ باش ئەترەتتە زىيارەت قىلىۋاتقىنىمدا، جەنۇبىي شىنجاڭغا كاماندىروپكىغا كەتكەن باش ئەترەت باشلىقى تاۋ خۇڭجۈن ئالايىتەن تېلېفون قىلىپ مۇنداق دېدى: جاۋ جۇڭيۇڭ بىلەن ئىككىمىز ئامانلىق باشقۇرۇش ئەترىتىگە تەڭ كىرگەن، ئۇ ياخشى ھەمراھ، ياخشى سەپداش، ئۇنى بەك سېغىندىم.

  جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ ئۆيىدىكى كىتاب ئىشكاپىغا ھەر خىل كىتابلار تىزىلغان ئىكەن. جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ خوتۇنى ليۇ چۈەنشيۇ مۇنداق دېدى: ئۇ ئىقتىسادقا ئالاقىدار كىتابلارغا ھېرىسمەن ئىدى، رازۋېدكا خىزمىتىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، قانۇنشۇناسلىق، جىنايەتشۇناسلىققا ئالاقىدار نۇرغۇن كىتاب سېتىۋالدى. ئازراق ۋاقتى چىقسىلا كىتاب كۆرەتتى. بىر قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىگە يىغىنغا بېرىپ، ئارىلىقتا شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان قىزىمىز بىلەن كۆرۈشكەن، ئاندىن ئۇلار بىللە كىتابخانىغا بېرىپ كىتاب سېتىۋالغان ئىكەن.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، جاۋ جۇڭيۇڭ شېنجېنغا مەملىكەتلىك ج خ قاتناش باشقۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتماقچى بولغان كۈنى يەرلىكنىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، سەھەر تۇرۇپ نەق مەيدانغا بېرىپ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ سەپلىنىشى، ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇش، قورال - جابدۇق كاپالىتى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆرۈۋېلىپ، ئاندىن ئايرودۇرۇمغا مېڭىپتۇ.

  جاۋ جۇڭيۇڭ دائىم ئېلىپ يۈرىدىغان خىزمەت سومكىسىغا شىنجاڭ بىلەن شاڭخەينىڭ قاتناش - ساياھەت خەرىتىسىنى سېلىۋالاتتىكەن. شىنجاڭنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەردىن ئۆگىنىشنى ھەر ۋاقىت ئويلاپ كەلگەن.

  ئۇ «باش نىشاننى مەركەز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىدە <ئومۇميۈزلۈك قاپلاش>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئومۇمىيىتىگە پۇختا مۇلازىمەت قىلىش»تىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، شېنجېن قاتارلىق جايلارنىڭ تەجرىبە - ئۇسۇللىرىدىن پائال ئۆرنەك ئېلىپ، شىنجاڭدىكى ج خ ساقچىخانىلىرى، ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى، ج خ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەۋزەل رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن. جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ پىلانلىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن يولغا قويغان يول قاتنىشى نازارەت سىستېمىسىنىڭ 5 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدا، ھازىر پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تىزگىنلەشتە «قاراڭغۇ نۇقتا بولماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەم تەكشۈرۈش، كونترول قىلىش، قوللىنىش ساھەسىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ھەر قايسى ساقچى تۈرلىرى بىلەن بولغان سانلىق مەلۇمات ئالاقىسى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، نۇقتىلىق ئاپتوموبىل ۋە كىشىلەرنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

  ئۇ كەسىپكە بولغان سادىقلىقى بىلەن تۆھپە قوشۇپ كەلدىجاۋ جۇڭيۇڭ بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ ساقچىسى لۇ جيا ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ئادىتى بويىچە كارىدورنىڭ ئايىغىغا جايلاشقان ئىشخانىدىكى چىراغنىڭ يورۇق ياكى يورۇق ئەمەسلىكىگە قاراپ قوياتتى، ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى: ماڭا ھەمىشە باش ئەترەت باشلىقى جاۋ جۇڭيۇڭ ئاشۇ ئىشخانىدا خىزمەتلەرنى قېتىرقىنىپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندەكلا بىلىنىدۇ. جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ ئىشخانىسىدا دائىم يېنىپ تۇرىدىغان ئاشۇ چىراغ سەپداشلارنىڭ ئورتاق ئەسلىمىسى. كۆپچىلىك ئۇنىڭ خىزمەت كۈنى ياكى دەم ئېلىش كۈنىدە بولسۇن، دائىم يېرىم سائەت بۇرۇن ئىشخانىغا كېلىدىغان، ئەڭ ئاخىرىدا قايتىدىغان خىزمەت رىتىمىغا كۆنۈپ قالغان. ئۇ ئاشۇ ئىشخانىدا دائىم جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئويلىناتتى ياكى يول قاتناش بىخەتەرلىكى ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىتەرەققىيات لايىھەسىگە باش چۆكۈرۈپ تۈزىتىش كىرگۈزەتتى، قاتناش باشقۇرۇشنى قانداق قىلغاندا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىلان تۈزەتتى.

  قازاق ساقچى ئايقىن قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى، ئۇ 2010 - يىلىدىكى «قارا گۇرۇھقا زەربە بېرىش» دېلوسىدا مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىغا يۆتكەلگەن، جاۋ جۇڭيۇڭ بىلەن خىزمەت قىلىش ئۇنىڭدا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرغان، ئۇ مۇنداق دېدى: تۇتۇش، دەلىل - ئىسپات ئېلىش خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، ئۇ كېچە - كۈندۈز دېمەي جىددىي ئىشلەيتتى، بىز ئۇنى ئارام ئېلىۋال دېسەكمۇ، يەنىلا ساقچىلار بىلەن بىللە ئالدىراشلا يۈرۈيتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئارام ئالسىمۇ، ئۇ يەنىلا دېلو ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلاتتى، ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ چىرىغى كېچە سائەت 3 - 4 لەرگىچە يېنىق تۇراتتى.قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش، باھالاش تۈزۈمى بىلەن قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتى ئەمەلىيىتىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2016 - يىلى «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئاساسنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش> بويىچە ئالدىدا مېڭىش، سۈپەتنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيىتى لايىھەسى»نى تۈزگەن. ئاران 1000 خەتتىن ئاشىدىغان قىسقىغىنا بۇ لايىھەگە ئىلگىرى - كېيىن بەش - ئالتە قېتىم چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن، 30 قېتىمدىن ئارتۇق كىچىك تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭغا جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ قان - تەرى ۋە ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، لايىھەدە ئاچقۇچلۇق كەسىپ كۆرسەتكۈچى چىڭ تۇتۇلۇپ، مۇرەككەپ ئىشلار ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىپ، ساقچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى قوزغىتىلغان.

  جاۋ جۇڭيۇڭنىڭ كەسىپنى قەدىرلەش روھى سەپداشلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئايان ئىدى، شۇڭا ئۇلار ئۇنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەت قىلاتتى. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، قاتناش ساقچى باش ئەترىتى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئېچىلىدىغان مۇھىم يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان. ۋەزىپە جىددىي، ۋاقىت قىسقا بولغاچقا، جاۋ جۇڭيۇڭ دەرھال مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى يىغىپ، ماتېرىيال تەييارلاش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەن. كەچتە ئۇ كۆپچىلىك بىلەن بىللە، دوكلاتنى مۇلاھىزە قىلغاچ، بىر تەرەپتىن يېزىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتكەن، سەھەر سائەت 4 تە كۆپچىلىكنى ئۆيلىرىگە قايتىپ ئارام ئېلىشقا ماڭدۇرۇۋەتكەن. باش ئەترەت ساقچىسى ۋېي شىڭ مۇنداق دىدى: شۇ كۈنى مەن ئىدارىدە قونۇپ قالغانىدىم، ئەتىگەن سائەت 8دە ئورنۇمدىن تۇرسام، جاۋ ئەترەت باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ چىرىغى يەنىلا يېنىق ئىكەن. ئەسلىدە جاۋ جۇڭيۇڭ كېچىچە ئۇخلىماي، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دوكلاتنى ئىشقا چىقىشقا ئۈلگۈرتۈپ تەييار قىپتۇ.

  جاۋ جۇڭيۇڭ خىزمەتكە قاتناشقان 33 يىلدىن بۇيان پەقەت ئىككى قېتىم رۇخسەت سورىغان، بىر قېتىم ئايالى تۇغقاندا بىر كۈن رۇخسەت سورىغان؛ يەنە بىر قېتىم دادىسى ۋاپات بولغاندا ئۈچ كۈن رۇخسەت سورىغان. ئۇ قەيسەر ئىرادىسى بىلەن ئۆزىنى خىزمەتكە ئاتاپ، كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئىلغارلىقىنى كەسىپكە بولغان ئىنتىلىشىدا تولۇق نامايان قىلغان.جاۋ جۇڭيۇڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئالدىراش ئۆتكەن. ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمىدىكى سۈرىتى كۆپ يىللار ئىلگىرىكى خىزمەت سۈرىتى ئىكەن. جاۋ جۇڭيۇڭ 2013 - يىلى 3 - دەرىجىلىك نازارەتچى ساقچى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى سىياسىي بۆلۈم كادىرلار باشقارمىسىنىڭ ساقچىسى جاۋ لېي بىر قانچە قېتىم ئۇنى ئاق كۆڭلەك كىيىپ بىر پارچە ئۆلچەملىك كىنىشكا رەسىمى چۈشۈشكە ئۈندىگەن، لېكىن ئۇ ئالدىراشلىقىدىن ۋاقىت چىقىرالماي ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ئالدىرىماي تۇرۇڭ، خىزمەت سەل بوشىغاندا بارىمەن». جاۋ لېي كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا مەن بىر نەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، يۇمشاق دېتال ئارقىلىق رەسىمدىكى كۆك رەڭلىك كۆڭلەكنىڭ رەڭگىنى ئاق رەڭگە ئۆزگەرتىپ، ساقچى كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرغاندا ئاۋۋال ئىشلىتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىدىكى ئىشلار سەل بوشىغاندا ئۇنى يېڭى رەسىم چۈشۈشكە ئاپىرىشنى ئويلاشقانىدىم. لېكىن بۇ كۈننى ئەمدى ساقلىيالمايدىغان بولدۇم. بۇ رەسىمنى ياخشى ساقلاپ، ئۇنىڭدىكى كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى ئەسلەپ تۇرىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر