باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىنلاندىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم ئامېرىكىغا بېرىپ جۇڭگو–ئامېرىكا باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ

2017.04.01 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 31-مارت جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىرىدىن ۋاڭ چاۋ بىلەن جېڭ زېگۇاڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا فىنلاندىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى ھەم ئامېرىكىغا بېرىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا دائىر ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  بىرىنچى، فىنلاندىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى توغرىسىدا

  ۋاڭ چاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 4-ئاپرېلدىن 6-ئاپرېلغىچە فىنلاندىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت باشلىقى سۈپىتىدە شىمالىي ياۋروپادا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى. زىيارەت داۋامىدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ نىنىستو بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، قارشى ئېلىش مۇراسىمى، ھۆججەت ئىمزالاش مۇراسىمى، مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىدۇ، زۇڭلى سىبىللې، پارلامېنت باشلىقى لوخېلا بىلەن كۆرۈشىدۇ.

  ئىككىنچى، ئامېرىكىغا بېرىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا

  جېڭ زېگۇاڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ 6-ئاپرېلدىن 7-ئاپرېلغىچە ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى مار ئا لوگو قورۇقىدا زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى، ئۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىدە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر